ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - مەملىكەت

جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 05 - ئاينىڭ 14- كۈنى 02:05   |    ئاپتور :   |   مەنبە : خەلق تورى

    لى كېچياڭ ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابى شىنزو بىلەن سۆھبەتلەشكەندە مۇنداق تەكىتلىدى:

    خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ جاي ۋاقتى 9-ماي چۈشتىن كېيىن توكيونىڭ مېھمان كۈتۈش سارىيىدا ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابى شىنزو بىلەن سۆھبەتلەشتى.

    لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ياپونىيە مۇھىم قوشنا دۆلەت ۋە دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتى ئىككى تەرەپ خەلقىنىڭ بەختىگە، شۇنداقلا دۇنيانىڭ بولۇپمۇ ئاسىيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك. جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتى ئىلگىرىكى بىرقانچە يىلدا نۇرغۇن بوران-چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، بىر مەزگىل ئەگرى توقاي يوللارنى بېسىپ ئۆتتى. يېقىندا ياپونىيە جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەت توغرىسىدا مۇھىم ئاكتىپ ئۇچۇر تارقاتتى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە ياخشىلىنىشغا يۈزلىنىش ۋەزىيىتى شەكىللەندى. بۇ قېتىم زىيارەتكە كېلىشىمدىكى مەقسەت ياپونىيە بىلەن بىللە جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى قايتىدىن نورماللاشتۇرۇشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت، ئىككى تەرەپنىڭ بىر بىرىگە يۈزلىنىپ ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى تىرىشىپ ساقلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى