ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - ئىقتىساد ۋە تەرەقىيات

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2018-يىلنىڭ 1-پەسىلىدە رايون سىرتىدىن كىرگۈزۈلۈپ نەقلەشتۈرۈلگەن مەبلەغ سوممىسى 32 مىليارد 662 مىليون يۈەنگە يەتتى

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 05 - ئاينىڭ 11- كۈنى 09:54   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تەڭرىتاغ تورى

شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: ئاپتونوم رايونلۇق سودىگەر چاقىرىش تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ 4-ئاينىڭ 27-كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2018-يىلنىڭ 1-پەسىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز سودىگەر چاقىرىش-مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرلىرىدىن 1022 نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئىجرا قىلغان بولۇپ، بۇ مەزگىلدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاپتونوم رايون سىرتىدىن كىرگۈزۈلۈپ نەقلەشتۈرۈلگەن مەبلەغ سوممىسى 32 مىليارد 662 مىليون يۈەنگە يەتكەن(نېفىت ۋە تاشقى مەبلەغنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ). ئاپتونوم رايون سىرتىدىن كىرگۈزۈلۈپ نەقلەشتۈرۈلگەن مەبلەغ سوممىسى ئىچىدە، باشقا ئۆلكىلەردىن نەقلەشتۈرۈلگەن مەبلەغ سوممىسى 28 مىليارد 211 مىليون يۈەن، مەركەز كارخانىلىرىدىن نەقلەشتۈرۈلگەن مەبلەغ سوممىسى 4 مىليارد 450 مىليون يۈەن، ئەمەلىي پايدىلانغان تاشقى مەبلەغ سوممىسى 44 مىليون 900 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولغان.

ئىگىلىنىشىچە، 2018-يىلنىڭ 1-پەسىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز رايون سىرتىدىن سودىگەر چاقىرىش-مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرلىرىدىن 1022 نى ئەمەلىيلەشتۈرگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 344 تۈرنى يېڭىدىن ئىجرا قىلغان، 678 تۈرنى ئالدىنقى يىللاردىن يۆتكەپ ئىجرا قىلغان ئىكەن.

مۇھەررىر : ئامانگۈل

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى