ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - ئىقتىساد ۋە تەرەقىيات

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى تاۋار ماركىسى قانۇنى تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 05 - ئاينىڭ 11- كۈنى 09:53   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تەڭرىتاغ تورى

مۇھەشىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: 4-ئاينىڭ 26-كۈنى دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كۈنى بولۇپ، بۇ مەزگىلدە ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى بىرلىكتە تاۋار ماركىسى قانۇنى تەشۋىقاتى ۋە قانۇندىن مەسلىھەت بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى 4-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە «جۇغراپىيەلىك بەلگە تاۋار ماركىلىرى ئارقىلىق نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش» نى ئاساسىي تېما قىلغان تاۋار ماركىسى قانۇنى تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغان. ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى بۇ مەزگىلدە جۇغراپىيەلىك بەلگە تاۋار ماركىسى خىزمىتىگە ئالاقىدار قانۇن-نىزاملار ۋە تىپىك دېلو مىساللىرىنى كەڭ تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جۇغراپىيەلىك بەلگە تاۋار ماركىسى خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرگەن زور ئىلگىرىلەش ۋە ئۇتۇقلارنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جۇغراپىيەلىك بەلگە تاۋار ماركىلىرىنىڭ ماركا تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىپ، جۇغراپىيەلىك بەلگە تاۋار ماركىلىرىنىڭ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش ۋە ماركا ئارقىلىق دېھقانلارنى بېيىش يولىغا يېتەكلەش خىزمىتىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان.

مۇھەررىر : ئامانگۈل

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى