ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

يۇقىرى قەنتلىك يېمەكلىكلەرنىڭ تەسىرى (2)

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 05 - ئاينىڭ 11- كۈنى 02:58   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تەڭرىتاغ تورى

يېشىل چاي ئىچىش: ھەر كۈنى بىر، ئىككى ئىستاكان يېشىل چاي ئىچىپ بېرىش كېرەك، چۈنكى يېشىل چاينىڭ تېرىنى ئاسراش رولى ئىنتايىن كۈچلۈك. يېشىل چاي كوللاگېنلىق ئاقسىلنىڭ ھاسىل بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، قەنتلىشىشكە قارشى تۇرۇش رولىغا ئىگە.

خۇشپۇراق ماتېرىياللارنى كۆپ يېيىش: خۇشپۇراق ماتېرىياللار قېرىشقا قارشى تۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ، مەسىلەن، زەرچىۋە ، دارچىن ، قەلەمپۇر ، زەنجىۋىل، سامساق قاتارلىق بارلىق خۇشپۇراق ماتېرىياللارنىڭ گىلىكوزىللاشقان ئاخىرقى ھاسىلاتى ياللۇغقا قارشى تۇرۇپ، ئېممۇنىتىت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە قاندىكى قەنتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.

كارنوزىننىڭ سۈمۈرۈلۈش مىقدارىنى ئاشۇرىدۇ: كارنوزىن بىر خىل ئامىنو كىسلاتا بولۇپ، گىلىكوزىللاشقان ئاخىرقى ھاسىلاتنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان. تېخىمۇ كۆپ بېلىق، ئورگانىك پىشلاق ۋە تۇخۇم يېيىش ئارقىلىق ئامىنو كىسلاتانىڭ ئوزۇقلۇنۇش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. ئالانىن بىلەن گىستىدىن ھەر ئىككىلىسى كارنوزىننىڭ پىروزوماسى، ئانار، بېدە، سەۋزە، كەرەپشە، تەرخەمەك، كاسىنە (كۆكچېچەك) ، كېتا بېلىقى ، سامساق قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە بۇ خىل ماددا بار.

يېمەكلىك تالاسىنى كۆپرەك يېيىش: نۇقۇت ، يېسسى پۇرچاق ۋە باشقا پۇرچاقلار ھەمدە كۆپىنچە كۆكتاتلاردا تالا ماددىسى مول. بۇ ھەزىم قىلىشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماي يەنە، قەنتلىشىشكە قارشى قاندىكى قەنتنىڭ سەۋىيەسىنى تىزگىنلەشكىمۇ پايدىلىق.

شىرنىلىك مېۋە بىلەن ماندارىننى كۆپرەك يېيىش: گىلىكوزىلاشقان ئاخىرقى ھاسىلات شىرنىلىك مېۋە تەركىبىدىكى مول تالا، ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددا ۋە ۋىتامىن C نى تىزگىنلەپ، تېرىنى چىڭىتىپ، ئىنچىكە قورۇقلارنى يوقۇتۇپ، قورۇق پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئۈزۈم ئاپېلسىن ، ئاپېلسىن، پەمىدۇردىكى تەركىبلەرمۇ گىئالۇرونىك كىسلاتانىڭ پارچىلىنىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

مۇھەررىر : ئامانگۈل

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى