ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

چىش ئاقارتىشنىڭ ئاددىي ئۇسۇللىرى

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 05 - ئاينىڭ 11- كۈنى 02:56   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تەڭرىتاغ تورى

سودا پاراشوكى بىلەن چىش ئاقارتىش ئۇسۇلى: ھەممە چىش پاستىسىنىڭ تەركىبىدە ئاساسەن سودا پاراشوكى بار، سودا پاراشوكى چىشنىڭ سىرتقى يۈزىگە چۆكۈۋالغان كىر ۋە داغلارنى پاكىز تازىلايدۇ. سۇغا ئازراق سودا سۈيىنى قۇيۇپ، قويۇق مەلھەم ھالەتكە كەلگەندىن كېيىن چىشقا سۈرۈپ، 10 مىنۇتتىن كېيىن يۇيۇۋەتسە چىش ئاقىرىدۇ.

ئاچچىقسۇ بىلەن چىش ئاقارتىش ئۇسۇلى: ئاچچىقسۇ (سىركە) نىڭ چىشنى ئاقارتىش ئۈنۈمى ئىنتايىن كۆرۈنەرلىك، ئەمما كۆپ قوللىنىشقا ماس كەلمەيدۇ (ھەپتىدە بىر قېتىمدىن ئېشىپ كەتمەسلىك كېرەك). بىر قوشۇق ئاچچىقسۇنى ئېغىزغا ئېلىپ بىر مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كېيىن ئىلمان سۇ بىلەن ئېغىزنى چايقىۋەتسە، چىش ئاقىرىپلا قالماي يەنە چىشتىكى مىكروبلار يوقايدۇ.

بانان پوستى بىلەن چىش ئاقارتىش ئۇسۇلى: بۇ ئۇسۇل چىشنى ئاقارتىشتىكى ئەڭ مۇۋاپىق ئۇسۇللارنىڭ بىرى. يېڭى باناننىڭ ئىچكى پوستى بىلەن چىشنى تەخمىنەن بەش مىنۇت سۈرتۈپ ئاندىن ئىلمان سۇ بىلەن ئېغىزنى چايقاپ بەرسە چىش ئاقىرىدۇ. بانان پوستىنىڭ تەركىبىدىكى سالىتىسىلىك كىسلاتا بىلەن لىمون كىسلاتاسى چىشنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى كىر ۋە داغلارنى ئۈنۈملۈك تازىلايدۇ. ھەپتىدە ئۈچ قېتىم بۇ ئۇسۇلنى قوللىنىپ بەرسە، تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

مۇھەررىر : ئامانگۈل

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى