ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

چاي شامىسى تاماكا ئىسىنى يوقىتىدۇ

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 05 - ئاينىڭ 11- كۈنى 02:53   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

  كۈلدان تاماكا زىيىنىنىڭ ئاساسىي مەنبەسى بولۇپ، كىشىلەر كۈلداننىڭ پاكىزلىقىغا دائىم سەل قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە، چاي شامىسى بۇ مەسىلىنى ياخشى ھەل قىلىدۇ.

  تاماكا چېكىلىۋاتقان چاغدا چىقىدىغان دانچە ۋە گاز تاملارغا، ئائىلە سايمانلىرىغا، كىيىم – كېچەكلەرگە، ھەتتا ئادەمنىڭ چېچىغا ۋە تېرىلىرىگە قونۇپ، ھاۋادا زور مىقداردىكى نىكوتىننى ساقلايدۇ. كىشىلەر بولۇپمۇ كېسەللىك مىكروبىغا قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچى ئاجىز كىشىلەر ئاشۇنداق جايلاردا تۇرۇپ قالغاندا، زىيانلىق ماددىلارنى سۈمۈرۈۋېلىپ، تاماكا ئىسى بىلەن زىيانلانغۇچىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. چاي شامىسىنىڭ تاماكىدىكى ئاشۇ خىل بەتبۇي پۇراقنى، شۇنداقلا دانچە ۋە ئىسنى ئۆزىگە سۈمۈرۈۋېلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك. شۇڭا، چېيىنى ئىچىپ بولۇپ ئېشىپ قالغان شامىنى قۇرۇتۇپ، كۈلدانغا ئازراق سېلىپ قويسا، تاماكىنىڭ پۇرىقىنى، دانچىلارنى يوقىتالايدۇ.

مۇھەررىر : ئامانگۈل

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى