ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

ئۇيقىڭىز ياخشى بولمىسا چىلان چېيى ئىچىڭ

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 05 - ئاينىڭ 11- كۈنى 02:51   |    ئاپتور :   |   مەنبە :  تەڭرىتاغ تورى

كىشىلەر ئىچى سىقىلىپ ئۇخلىيالمىغانلار چىلان چېيى ئىچسە ئۇيقۇسى ياخشىلىنىپ، ئىچ سىقىلىشى يەڭگىللەيدۇ، دېيىشىدۇ.

تەييارلاش ئۇسۇلى: ئالبىزىيە گۈلى (合欢花) دىن بىر تال، چىلاندىن بەش تال، ناۋاتتىن مۇۋاپىق مىقداردا تەييارلاپ، ئۈستىگە قايناق سۇ قۇيۇپ 10 مىنۇت دەملىگەندىن كېيىن ئىچسە، كەيپىيات كۆتۈرۈلۈپ ئۇيقۇسى ياخشىنىلىدۇ.

جوڭنەن داشۆ شياڭيا دوختۇرخانىسى جۇڭيىچە-غەربچە داۋالاش بۆلۈمىنىڭ مۇدر ۋىراچى ۋاڭ دوڭشىڭ مۇنداق دەيدۇ: كەيپىيات تۇراقسىزلىشىش، ئىچ سىقىلىشنىڭ سەۋەبى كۆپ خىل. جۇڭيى دوختۇرلىرىنىڭ قارىشىچە، فىزىئولوگىيەلىك كېسەللىكىنىڭ يىلتىزى بۆرەك زەئىپلىشىش، سەپرا چىگىلىش، بۆرەك بىلەن جىگەرگە قان يېتىشمەسلىكتىن بولىدىكەن. بۇ دورىلىق چاي بېسىمى ئېغىر، كەيپىياتى تۇراقسىز ياكى ئۇيقۇ سۈپىتى ناچارلارنىڭ ئىچىشىگە بەكرەك ماس كېلىدىكەن، بولۇپمۇ يۈرەككە قان يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان كەيپىيات تۇراقسىزلىشىشقا قارىتا بەلگىلىك ياخشىلاش رولىغا ئىگە ئىكەن.

بۇنىڭ ئىچىدە، ئالبىزىيە گۈلى غۇنچىسىنىڭ نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش، جىگەر خىزمىتىنى راۋانلاشتۇرۇش، يۈرەكنى ئاسراش رولى بار بولۇپ، تەركىبىدىكى كۋېرتسېتىن گىلىكوزىد نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش، خاتىرجەمسىزلىك، تىت-تىت بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىغا ئىگە. تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ئالبىزىيە گۈلى جىددىيلىك ۋە ئىچ سىقىلىشنى يەڭگىللىتىپ، چارچاشنى بەلگىلىك دەرىجىدە يىنىكلىتىدۇ ھەمدە ھەر خىل سەۋەبتىن كېلىپ چىققان ئۇيقۇسىزلىقنى داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىگە. چىلان يۈرەكنى ئاسراش، ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇشقا پايدىلىق شۇنداقلا تەييارلاش ۋە ئىستېمال قىلىش ئۇسۇلىمۇ ئاددىي بولۇپ، ئۆزىنىڭ ياقتۇرىشىغا ئاساسەن، ئاز مىقداردا ھەسەل قوشۇپ، 10 مىنۇت دەملىگەندىن كېيىن ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.

مۇھەررىر : ئامانگۈل

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى