ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - قىززىق نوقتا

يېڭى دەۋردىكى مۇنەۋۋەر مائارىپ خىزمەتچىسى ۋە مەدەنىيەت باشلامچىسى بولىمەن

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 05 - ئاينىڭ 10- كۈنى 02:52   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    ئارشاڭ ناھىيەلىك تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دەلىلقان باۋبېلىك

    مەن پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە تەربىيەسىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن قازاق كادىر. كۆپ يىللاردىن بۇيان، مەن ۋە ھەر مىللەت خىزمەتداشلىرىم ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئىناق – مۇقىم، گۈللەنگەن – تەرەققىي قىلغان شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، جاسارەت بىلەن تىرىشتۇق.

    ھازىر، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى روھىنىڭ نۇرى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا نۇر چاچماقتا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، شىنجاڭ ھازىر تارىختىكى ئەڭ ياخشى تەرەققىيات مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. لېكىن، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ‹‹مىللەت›› ۋە ‹‹دىن›› بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، بىر قاتار زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى پىلانلاپ، تەشكىللەپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزدى. بىز چوقۇم كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ، ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، غايە – ئېتىقاد ۋە سىياسىي مەيدانىمىزنى مۇستەھكەملەپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئېڭىنى ھەر ۋاقىت كۈچەيتىپ، بايرىقىمىزنى روشەن، مەيدانىمىزنى مۇستەھكەم، دىلىمىز بىلەن تىلىمىزنى بىردەك قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوغدىشىمىز كېرەك.

    ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى تۇرۇشتىكى بۇ بىر مەيدان كۈرەشتە، پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ئۈلگە بولىمەن. پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار، بولۇپمۇ خەلق ئوقۇتقۇچىلىرى ئارىسىدىكى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچىلىك››كە قارشى كۈرەش قىلىپ، مەيدان، ھەرىكەت جەھەتتە تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر بىلەن بولغان چەك – چېگرانى ئېنىق ئايرىيمەن.

    مائارىپ خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن يۈكسەك ھوشيارلىقنى ساقلاپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ رەزىل مەقسىتىنى تولۇق تونۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە ھەر مىللەت ئاممىغا ماركسىزملىق ‹‹بەش قاراش››نى تەشۋىق قىلىپ، ھەرمىللەت ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىمەن، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، ھەرىكەتتە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىمەن.

    مەكتەپ رەھبىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەكتەپ بويىچە دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى كەڭ، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا ئىدىيەۋى – سىياسىي تەربىيەنى كۈچەيتىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسى بازىسىنى مۇستەھكەم ئىگىلەيمەن. ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى مۇنەۋۋەر مائارىپ خىزمەتچىسى ۋە مەدەنىيەت باشلامچىسى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىمەن.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى