ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - قىززىق نوقتا

باش نىشانغا يېتىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىمەن

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 05 - ئاينىڭ 10- كۈنى 02:51   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    جىڭ ناھىيەلىك پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئالىگۈل رەھمەت

    پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىمەن، تەشۋىق قىلىمەن، ئىزچىللاشتۇرىمەن.

    ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى كۈرەش قىلىدىغان جەڭچى بولىمەن. پارتىيەلىك كادىرلار جاسارەتلىك، شىجائەتلىك بولۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ئېغىر ۋەزىپىسىنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك. مەن بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش قاتارلىق چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە بايرىقىمنى روشەن، مەيدانىمنى مۇستەھكەم، تىلىم بىلەن دىلىمنى، سۆزۈم بىلەن ھەرىكىتىمنى بىردەك قىلىپ، ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىيمەن، پوزىتسىيەدە قەتئىي بولىمەن. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر بىلەن چەك – چېگرانى قەتئىي ئېنىق ئايرىيمەن ھەم ئۇلارغا قارشى كۈرەش قىلىمەن، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن چەك – چېگرانى قەتئىي ئېنىق ئايرىيمەن ھەم ئۇنىڭغا قارشى كۈرەش قىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەر مىللەت ئاممىنى كۆزىنى يوغان ئېچىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەيمەن. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى، پارتىيەنىڭ ھەر مىللەت ئاممىغا قىلغان غەمخورلۇقىنى ئاساسىي قاتلامدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا يەتكۈزۈپ، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرۈپ، مىللەتلەرنىڭ ھېسسىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشتە ئەۋزەللىكىمنى جارى قىلدۇرۇپ، تىرىشىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ نەمۇنىچىسى، ئۈلگىسى بولىمەن.

    ماركسىزملىق غايە – ئېتىقادنى قوغدايدىغان جەڭچى بولىمەن. مەن ئىدىيەدىن ئىبارەت ‹‹باش ۋىكليۇچاتېل››نى قەتئىي چىڭ تۇتۇپ، ئىدىيەۋى تەربىيەنى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ھەرىكەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆگەنگەندىن نەتىجە ھاسىل قىلىمەن، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىمەن. يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالىدىغان دەۋر ئاۋانگارتلىرىدىن بولىمەن.

    يېڭى دەۋرنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگۈچىلىرىدىن بولىمەن. مەن ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يېڭى دەۋرنىڭ كەڭ سەھنىسىدە غايىسىنى، ئىقتىدارىنى نامايان قىلىشقا چاقىرىق قىلىمەن. يېڭى دەۋردە كۈچلۈك خوجايىنلىق ئېڭى ۋە مەسئۇلىيەت ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ دەيدىغان، ۋاقىت بىلەن بەسلىشىدىغان روھ ئارقىلىق يېڭى دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ئاتلىنىمەن. بۇنىڭدىن كېيىن تىرىشىپ خىزمەت ئەمەلىيىتىدىكى تارقاق تونۇشنى سىستېمىلاشتۇرۇپ، يۈزەكى تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، يەكۈنلەپ، ئۆگىنىش نەتىجىسىنى خىزمەتلەرنى پىلانلاشتىكى تەسەۋۋۇرغا، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تەدبىرگە، خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشتىكى قابىلىيەتكە ئايلاندۇرىمەن، بىر تاختا شاھمات ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، مەۋقەنى ئىش ئورنىغا قويۇش، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سىياسىيدا قەتئىي بولغان، مۇقىملىقنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان، كەسىپنى قەدىرلەپ، تۆھپە قوشىدىغان، پاك – دىيانەتلىك ئۈلگىلەردىن بولۇشقا تىرىشىمەن.

    يېڭى دەۋرنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى، يېڭى مۇساپىنىڭ بۇرغىسى چېلىندى. بىز روھنى ئۇرغۇتۇپ، ھەرىكەتكە كېلىپ، غايە – ئېتىقادنى مۇستەھكەملەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلايلى!

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى