ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - مۇھاكىمە مۇنبىرى

ماركسىزملىق ھەقىقەتنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىمىز

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 05 - ئاينىڭ 10- كۈنى 02:47   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    ــــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ماركس تۇغۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرمىللەت، ھەر ساھەدىكى كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

    جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 5 – ئاينىڭ 4 – كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ماركس تۇغۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك بەس – بەستە مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ماركسىزملىق ئېتىقاد ۋە كوممۇنىزملىق غايىمىزنى مۇستەھكەملەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى خىزمەتلىرىمىزدە ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىمىز.

    ماركسىزمنى مۇستەھكەم ئۆگەنگۈچى، تەتقىق قىلغۇچى ۋە تارقاتقۇچىلاردىن بولىمىز

    ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىكى بارلىق ئورگان كادىرلىرى 5 – ئاينىڭ 4 – كۈنى ماركس تۇغۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىنىڭ نەق مەيداندىن بىۋاسىتە تارقىتىش ئەھۋالىنى مەركەزلىك كۆردى. ئۈرۈمچى تاموژنىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، تاموژنا باشلىقى جاۋ گې مۇنداق دېدى: دۆلەتنىڭ چېگرادىن چىقىرىش – كىرگۈزۈشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگىنى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ماركسىزملىق ئىدىيە، خىزمەت ئۇسۇلىنى ئىگىلەش ئىقتىدارىمىز ۋە سەۋىيەمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىسلاھات ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، جانلىق، مول ھازىرقى زامان جۇڭگو ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ماركسىزمنىڭ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولىمىز.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپى (شىنجاڭ مەمۇرىي شۆيۈەنى) سىياسەتشۇناسلىق كافېدراسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دوتسېنت جۇ خۇي مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى بىزگە ماركسىزمنىڭ ئىلمىي نەزەرىيە، خەلق نەزەرىيەسى، ئەمەلىي نەزەرىيە ۋە ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىدىغان، ئېچىۋېتىلگەن نەزەرىيە ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇتتى. ماركسىزم دۇنيانى چوڭقۇر ئۆزگەرتىپلا قالماي، يەنە جۇڭگونىمۇ چوڭقۇر ئۆزگەرتتى، جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش داغدام يولىدا مېڭىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى. پارتىيە ئەزاسى ۋە پارتىيەنىڭ نەزەرىيە خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ماركسىزمنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ سەلتەنەتلىك سەھىپىسىنى پۈتۈشكە كۈچ قوشىمەن.

    ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خې تيەنپىڭ مۇنداق دېدى: بىز پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى تەشكىللەپ ‹‹كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى››نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ماركسىزمنىڭ كىلاسسىك ئەسەرلىرى ۋە مۇندەرىجىسىنى سىستېمىلىق، ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى يېڭى دەۋردىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قەتئىي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا ھەقىقىي سىڭدۈرىمىز.

    ھازىرقى زامان جۇڭگو ماركسىزمىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرىمىز

    بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىنىڭ بورتالا شەھىرى شويىڭپەن بازىرى نۇكتە كېرىم كەنتىدە تۇرۇشلۇق بىرىنچى شۇجىسى، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى ۋۇ جيەنكۈي ماركس تۇغۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىنىڭ نەق مەيداندىن بىۋاسىتە تارقىتىشنى كۆردى، ئۇ مۇنداق دېدى: كومپارتىيە ئەزاسى ۋە ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇۋاتقان كادىر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسىدىن ئىبارەت بۇ زۆرۈر دەرسلىكنى چوقۇم ياخشى ئۆگىنىپ، ماركسىزملىق پەلسەپىدىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي ماھارەتنى ئىگىلەپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، ئاممىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز.

    ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى خەن چېڭ مۇنداق دېدى: يېڭى دەۋردە ماركسىزمنى ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ئۈچۈن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى ماركسىزمنى ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتە ماركسىزمنىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي خەلق سۇغۇرتىغا قاتنىشىش پىلانى ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، ئىجتىمائىي كاپالەت جامائەت مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئامما ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى ئىجتىمائىي كاپالەت مۇلازىمىتى قىلىشى كېرەك.

    ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە – پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر يىن يۈلىن مۇنداق دېدى: ماركس تۇغۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىنى كۆرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئاڭلاپ، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىشنىڭ كوممۇنىستلارنىڭ زۆرۈر دەرسلىكى ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سەھىيە – پىلانلىق تۇغۇت سىستېمىسىدىكىلەر شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى باشتىن – ئاخىر ھەرىكەت كۆرسەتكۈچى قىلىپ، ساغلام جۇڭگو، ساغلام شىنجاڭ ئىستراتېگىيەسىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، داۋالاشتا ئەلگە نەپ يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ ساغلاملىقىغا ھەر تەرەپلىمە، تولۇق دەۋرىيلىك مۇلازىمەت قىلىمىز ۋە كاپالەتلىك قىلىمىز.

    تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى ياش ماركسىزمچىلاردىن بولىمىز

    شىنجاڭ تېببىي داشۆسى ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما سۈي مۇنداق دېدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى خىزمىتىدە چەتنەشكە بولمايدىغان تۈپ كۆرسەتكۈچ. مەكتەپ ئىتتىپاق كومىتېتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ماركس تۇغۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلەشتۈرۈپ، ماركسىزم نەزەرىيەسىنى ئىتتىپاق ياچېيكىسىغا، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا چوڭقۇر كىرگۈزۈپ، ‹‹ياش ماركسىزمچىلارنى يېتىشتۈرۈش قۇرۇلۇشى›› قاتارلىقلارغا بىرلەشتۈرۈپ، غايە ئىشەنچنى بارلىق ئىتتىپاق تەشكىلاتى، ئىتتىپاق كادىرلىرى، ئىتتىپاق ئەزالىرىنىڭ روھىغا سىڭدۈرىمىز.

    ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى ئورگىنى 3 – بىرلەشمە ئىتتىپاق ياچېيكىسىدىكى ئىتتىپاق ئەزاسى ۋاڭ جېنجېن مۇنداق دېدى: يېڭى دەۋر ياشلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، دەۋرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى دادىللىق بىلەن زىممىمىزگە ئېلىپ، ماركسىزمنى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ياخشى ئۆگىنىپ، كىشىلىك تۇرمۇش نىشانىمىزنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. غەربىي قىسىم پىلانىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ماركسىزمنى ئەمەلىيىتىمگە يېتەكچىلىك قىلدۇرۇش ۋە پايدىلىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى ياش ماركسىزمچىلاردىن بولىمەن.

    (مۇخبىرلىرىمىز گاۋ ۋا، چېن چياڭۋېي، ليۇ چيەنشېڭ، جاۋ چۈنخۇا، ياۋ گاڭ، لى چۈنشيا، چاۋ جىن، جاۋ شىيا، مېھرىگۈل ناسىر، شى شىن، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز چېڭ بىن، فېڭ يەن)

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى