ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - شىنجاڭ

قەتئىي ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما–تەلىپى بويىچە مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىمىز

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 05 - ئاينىڭ 10- كۈنى 02:46   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى ھەم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى

    مۇخبىرىمىز مېھرىگۈل غوپۇر خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 5 – ئاينىڭ 7 – كۈنى پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ ھەم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 5 – قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 5 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايوننىڭ دەريا(كۆل) باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.

    ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىس نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

    يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 – ، 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى تېخىمۇ مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، شىنجاڭ گەرچە پايتەخت بېيجىڭدىن يىراق بولسىمۇ، ئەمما قەلبىمىزنىڭ باشتىن – ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن بىر تۇتاش بولۇش، زىچ باغلانغان بولۇشىنى نامايان قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارارىنى قەتئىي ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم – كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

    يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ 5 – ئومۇمىي يىغىنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، ئومۇمىي نىشانى، ئاساسىي پىرىنسىپى ۋە مۇھىم ۋەزىپىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى. ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 5 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، باش نىشاننى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش نىشاننى سىياسىي كېڭەشنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتىكى پۈتكۈل جەريانغا ۋە ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت›› تەدبىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹ئۈچ چوڭ جەڭ››نى ياخشى قىلىش، ‹‹ئۈچ تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەت››نى ياخشى ئىشلەش ۋە ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى كېڭىشىش ۋە دېموكراتىك نازارەت قىلىشنى چۆرىدەپ، پائال چارە – تەدبىر كۆرسىتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئاپپارات ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تەخىرسىزلىكى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاپپارات ئىسلاھاتى ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىپ، ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ، ئىسلاھات ئارقىلىق قۇرۇلمىنى ياخشىلاش مەسئۇلىيىتىنى تەقسىملەپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. خىزمەت ئىستىلىنى داۋاملىق ياخشىلاپ، ئورگان كادىرلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە تەشكىلىي ئىنتىزامنى نۇقتىلىق كۈچەيتىش كېرەك. دەرھال بېجىرىش، بېجىرگەن ئىكەن ياخشى بېجىرىش ئىدىيەسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ‹‹مىخ قېقىش›› روھى بىلەن ھالقىمۇ ھالقا چىڭ تۇتۇپ، خىزمەتلەرنى بىر – بىرلەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى