ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنى ‹‹يادروغا سادىق بولۇش، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش›› بويىچە دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزدى

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 05 - ئاينىڭ 10- كۈنى 02:45   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    مۇخبىرىمىز جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنى 5 – ئاينىڭ 7 – كۈنى ‹‹يادروغا سادىق بولۇش، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش›› بويىچە دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزدى، يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئورگاندىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار قەتئىي ھالدا ئىدىيەدە يادرونى تونۇپ، سىياسىيدا يادرونى قوغداپ، تەشكىلىي جەھەتتە يادروغا بويسۇنۇپ، ھەرىكەتتە يادروغا يېقىندىن ئەگىشىپ، يادرونى قەتئىي قوغداپ، يادرونى چىن كۆڭلىدىن ھۆرمەتلەپ، يادروغا مۇتلەق سادىق بولۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە قەتئىي ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى قەتئىي ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى مۇنەۋۋەر خەلق قۇرۇلتىيى كادىرلىرىدىن بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر شاۋكەت ئىمىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم ئالدى بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈردى.

    شاۋكەت ئىمىن مۇنداق كۆرسەتتى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا مۇتلەق سادىق بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى ئەڭ چوڭ سىياسىي، ئەڭ مۇھىم سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدە بىلىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغدايمىز؛ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، باش نىشاننى ئومۇمىي پىروگرامما، يادرولۇق ۋەزىپە، كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش نىشانغا يېتىشنى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆلچەيدىغان ئەڭ مۇھىم ئۆلچەم قىلىمىز؛ ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي قوغداپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت بۇ زور پىرىنسىپال مەسىلىدە باشتىن – ئاخىر بايرىقىمىزنى روشەن، مەيدانىمىزنى مۇستەھكەم، تىلىمىز بىلەن دىلىمىزنى بىردەك قىلىپ، دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ۋە ‹‹ئىككى يۈزلىمىچىلىك››كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئورتاق يۇرت – ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايمىز.

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنى ‹‹يادروغا سادىق بولۇش، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش›› بويىچە دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىدە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 – ، 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا سادىق بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭلىقلىق، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ۋە ‹‹ئىككى يۈزلىمىچىلىك››كە قارشى ئاداققىچە قەتئىي كۈرەش قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ.

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنىدىكى تۆت كادىر يىغىندا دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈردى. دائىمىي كومىتېت رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى ۋە ئورگاندىكى بارلىق كادىرلار ‹‹يادروغا سادىق بولۇش، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش›› بويىچە دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش، دېگەن خەتلەر يېزىلغان پىلاكاتقا ئىمزا قويۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش ئىرادىسى ۋە شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا يېتىش ئىشەنچىسىنى ئىپادىلىدى.

    ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنى بۇ قېتىمقى يىغىننى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزىدىكەن.

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرىدىن لى شۆجۈن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، دۇڭ شىنگۇاڭ، بادەي، گۈلشات ئابدۇقادىر، سو يۆ يىغىنغا قاتناشتى.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى