ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - قىززىق نوقتا

بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش قىلىش مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممەمگە ئالىمەن

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 05 - ئاينىڭ 07- كۈنى 03:08   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر ئەخمەت مەمەت

    پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: ‹‹دۆلەت خەۋپسىزلىكى ــــ ئەلنى ئەمىن تاپقۇزۇش، دۆلەتنى مۇستەھكەملەشنىڭ مۇھىم ئۇل تېشى، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغدىغانلىق ــــ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغدىغانلىق››، ‹‹ھەر خىل سىڭدۈرمىچىلىك، ئاغدۇرمىچىلىق، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى، دىنىي ئەسەبىيلىك ھەرىكەتلىرىدىن قاتتىق مۇداپىئە كۆرۈش ۋە ئۇنىڭغا قەتئىي زەربە بېرىش كېرەك››، دەپ كۆرسىتىلدى.

    سىياسىي مەيدانىمنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولىمەن. پارتىيەنىڭ تەربىيەسى، يېتىشتۈرۈشى ۋە غەمخورلۇقىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ‹‹تۆت ئاڭ››نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ‹‹بەشنى تونۇش›› تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى پائال ئەمەلدە كۆرسىتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغدايمەن، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرىمەن، ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك تەدبىرىنى قەتئىي ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش قىلىش مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممەمگە ئالىمەن، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي قوغداپ، دەۋر يۈكلىگەن سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئالىمەن.

    داۋاملىق دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى، كىشىلەرنىڭ ئارزۇسى. لېكىن ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› مىللەت، دىننى دەستەك قىلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلدى، مەقسىتى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختلىك، خاتىرجەم تۇرمۇشىغا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، شىنجاڭنى ۋەتەن قوينىدىن ئايرىپ چىقىش جىنايى مەقسىتىگە يېتىشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇشتىن ئىبارەت. ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ قولچوماقچىسى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان پەردە ئارقىسىدىكى قارا قول، ئۇلار جىنايى مەقسىتىگە مەڭگۈ يېتەلمەيدۇ. مەن ئۆزۈم ئۈلگە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكە، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاشقا، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەپ، تولۇق غەلىبە قىلمىغۇچە بولدى قىلمايدىغان ئىرادە، يىلتىزىدىن قۇرۇتىدىغان، ياماننى تەلتۆكۈس يوقىتىدىغان غەيرەت – شىجائەت بىلەن ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى پاكىز قېزىپ چىقىمەن، تەلتۆكۈس يوقىتىمەن.

    مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى باشلامچىلىق بىلەن قوغداپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرىمەن. ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى كۆپ قاتلام، كۆپ خىل ئۇسۇل، كۆپ خىل شەكىلدە ھەمتۈرتكە بولۇشقا يېتەكلەيمەن، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ‹‹بەشنى تونۇش›› تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغدايمەن.

    سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، باش نىشاننى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ زۆرۈرلۈكى، مۈشكۈللۈكى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىكلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ ئىنتايىن دانا، توغرا ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي باش نىشاننى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش پىروگراممىسى ۋە يېتەكچىسى قىلىپ، باش نىشاندا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرىمەن، دىققەتنى باش نىشانغا قەتئىي مەركەزلەشتۈرىمەن. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت›› تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە قەتئىي تەۋرەنمەيمەن، بوشاڭلىق قىلمايمەن، ئىككىلەنمەيمەن، شەكىلۋازلىق قىلمايمەن. مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈم يارىتىشنى خىزمەتتە باشتىن – ئاخىر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹مىخ قېقىش›› روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، دېگەننى قىلىپ، قىلغاندىمۇ ياخشى قىلىپ، مىنۇت – سېكۇنتنى قولدىن بەرمەيدىغان، بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويمايدىغان پوزىتسىيە بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، تۈرلۈك سىياسەت – تەدبىرلەردە ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىمەن.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى