ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - قىززىق نوقتا

ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىمەن

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 05 - ئاينىڭ 07- كۈنى 03:04   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    قابا ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى،ھاكىم جالىن قازاقباي

    يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغان بىر قاتار ئالاھىدە ئېتىبار سىياسەتلەرنى يولغا قويدى، شىنجاڭ تېز تەرەققىي قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش تېز يولىغا كىردى. بۈگۈنكى شىنجاڭدا ئىقتىساد تەرەققىي قىلدى، مەدەنىيەت گۈللەندى، خەلق خاتىرجەم ياشاۋاتىدۇ، شىنجاڭ ھازىر تارىختىكى ئەڭ ياخشى تەرەققىيات مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ھەر مىللەت ئامما ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، ھەر مىللەت خەلق پارتىيەگە، ئۇلۇغ ۋەتەنگە چىن قەلبىدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرمەكتە. بىراق، چېگرا ئىچى – سىرتىدىكى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› مۇقىم، تەرەققىي قىلغان، ئىتتىپاق، ئىناق شىنجاڭنى كۆرۈشنى خالىماي، ‹‹مىللەت››، ‹‹دىن›› بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى ھە دەپ تارقىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، شىنجاڭنى ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىدىن ئايرىپ چىقىشقا ئۇرۇندى. ئۇلار شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ‹‹زەھەرلىك ئۆسمە››، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى.

    مەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرىمەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىق چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە باشتىن – ئاخىر كاللامنى سەگەك تۇتۇپ، بايرىقىمنى روشەن، مەيدانىمنى مۇستەھكەم قىلىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇپ، بىرىنچى سېپىگە ئاتلىنىپ، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مۇھىم تاپشۇرۇقنى ئۇنتۇماي، ئېغىر ۋەزىپىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممەمگە ئېلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قەتئىي جەڭ ئېلان قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خەلق ئۇرۇشىدا قەتئىي غەلىبە قىلىمەن.

    ‹‹تۆت ئاڭ››نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشنىڭ ئۈلگىسى بولىمەن. كاللامنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن قوراللاندۇرۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، پارتىيەگە باشتىن – ئاخىر سادىق بولىمەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ زور سىياسەت، فاڭجېنلىرى ۋە تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرىمەن، ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. بىرىنچى سالاھىيىتىمنىڭ كومپارتىيە ئەزاسى، بىرىنچى مەسئۇلىيىتىمنىڭ پارتىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىكەنلىكىنى ھەر ۋاقىت ئەستە چىڭ تۇتۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن. ‹‹پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېزا – كەنتلەرگە يەتكۈزۈش›› ئۈلگىلىك تەشۋىقات پائالىيىتىنى داۋاملىق چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىدىيەسىنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچىنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرگە، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇجەسسەملەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ باش نىشان ئېڭىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا تەربىيەلەيمەن ۋە يېتەكلەيمەن.

    ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ئۈلگىلىرىدىن بولىمەن. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى باشتىن – ئاخىر ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشقا دائىر بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم – كوتسىز ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى باشتىن – ئاخىر ساقلاپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى قەتئىي پاكىز قېزىپ، تەلتۆكۈس يوقىتىپ، مۇستەھكەم سىياسىي مەيدانىم ۋە پۇختا خىزمەت ئىستىلىم بىلەن مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولىمەن.

    ئۆزۈم ئۈلگە بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈلگىلىرىدىن بولىمەن. ئەۋزەللىكىمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش، سىياسەتلەرنى تەشۋىق قىلىش، مىننەتدارلىق تەربىيەسى بېرىش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىمەن، تۇغقانلىشىش – دوستلىشىش جەريانىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىمەن، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش، ‹‹بەشنى تونۇش›› تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەيمەن. سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىشتەك ئەمەلىي ھەرىكىتىم بىلەن ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى زىممەمگە ئېلىپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئاممىنى كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق سۆز – ھەرىكەتلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەيمەن، ھەر مىللەت ئاممىنى دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇشقا تەربىيەلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەيمەن.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى