ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - شىنجاڭ

باشقا جايدا داۋالانغاندا ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى يىتۈپ كەتسە شۇ جايدا ۋاقىتلىق كارتا بېجىرىپ راسچوت قىلغىلى بولىدۇ

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 05 - ئاينىڭ 07- كۈنى 03:02   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تەڭرىتاغ تورى

    ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك AAA دەرىجىلىك دوختۇرخانىلاردا جىددىي كېسەل كۆرسىتىدىغان ئاپتونوم رايون ئىچىدىكى باشقا جايدىن كەلگەن سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى (ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ۋاقىتلىق كارتىسى) نى يىتتۈرۈپ قويغانلىقتىن، داۋالىنىش راسخوتىنى بىۋاستە راسچوت قىلالمىسا، باشقا جايدا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ۋاقىتلىق كارتىسىنى ئىلتماس قىلىپ بېجىرىش ئارقىلىق، داۋالىنىش راسخوتىنى راسچوت ۋە ئاتچوت قىلدۇرالايدۇ.

    مۇخبىرنىڭ 5-ئاينىڭ 3-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ يۆتكىلىشچانلىق ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ياخشى ماسلىشىش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى بېجىرىش مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئاممىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن ئىككى تۈرلۈك خەلققە قولايلىق كەسىپنى مەخسۇس قانات يايدۇرغان. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ۋاقىتلىق كارتىسىنى باشقا جايدا ئىلتىماس قىلىپ ئېلىش بۇنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، باشقا جايدا كېسەل كۆرسىتىپ داۋالانغۇچىلارنى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسىغا ۋاقتىدا ئىگە قىلىپ، ئۇلارنى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىدىن ۋاقتىدا بەھرىمەن قىلىدىكەن.

    ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى باشقۇرۇش مەركىزى باشقا جايدا كارتىنى يىغىپ توپلاش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ئورنىنى ئۆزگەرتكەندىن كېيىن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسىنى ئېلىۋېلىشىغا قولايلىق يارىتىپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسىنى قايتا ئىشلىتىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچى كۆپ قاترىمايدۇ. جايلار (ئوبلاست، شەھەر) باشقا جايدا توپلانغان سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار تىزىملىكىنى ئېلىپ ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى باشقۇرۇش مەركىزىگە يوللايدۇ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى ياسىلىپ بولغاندىن كېيىن ھازىرقى سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئورۇندا تارقىتىلىدۇ. سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچى ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تورى (http://www.xjrs.gov.cn/) غا چىقىپ كارتىنىڭ ياسىلىش ئەھۋالى، كارتىنى ئېلىۋالىدىغان ئورۇن ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرەلەيدۇ. باشقا جايدا توپلاش جەريانىدا سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسىنى جىددىي ئىشلەتمەكچى بولسا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ۋاقىتلىق كارتىسىنى ئىلتىماس قىلىپ بېجىرسە بولىدۇ.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى