ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدا ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش سىياسەت سىستېمىسى تەدرىجىي بەرپا قىلىندى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلدى

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 05 - ئاينىڭ 07- كۈنى 02:56   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تەڭرىتاغ تورى

    ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى: 4-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن كېيىن «يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇپ، يېڭى ئارزۇنى ئىزدەش» تېمىسىدىكى شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم بېرىش بويىچە ئون يىللىق خىزمەت تەرەققىياتىغا نەزەر ھەمدە 2017-يىللىق مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلدى. مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدا ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشنى باشقۇرۇش مەركىزى دۆلەت ئوقۇش مۇكاپاتى، دۆلەت رىغبەتلەندۈرۈش ئوقۇش مۇكاپاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش بويىچە مۇنەۋۋەر خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرىگە مۇكاپات تارقاتتى.

    2017-يىلى دۆلەتنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش يېڭى سىياسەت سىستېمىسى بەرپا قىلىنغىنىغا 10 يىل بولدى. 10 يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش خىزمەت تەلىپىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەسلى مائارىپى، مەجبۇرىيەت مائارىپى، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى، ئوتتۇرا تېخنىكوم كەسپىي مائارىپى، ئالىي مائارىپ قاتارلىقلارنى قاپلىغان بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش سىياسەت سىستېمىسىنى تەدرىجىي بەرپا قىلدى ۋە مۇكەممەللەشتۈردى. ھازىر ھۆكۈمەت مۇكاپاتلاپ ياردەم بېرىش، بانكا قەرز بېرىپ ياردەم بېرىش، جەمئىيەت ماددىي ياردەم بېرىش، مەكتەپ ياردەم بېرىش، ئوقۇغۇچىلار ئۆز ئۆزىگە ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت ياردەم بېرىپ ئادەم تەربىيەلەش يېڭى ئەندىزىسى شەكىللەندى.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى