ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - شىنجاڭ

خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى مەزگىلدىكى خەلق ئىشلىرى خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 05 - ئاينىڭ 07- كۈنى 02:54   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى:

    خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى مەزگىلدىكى خەلق ئىشلىرى خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك

    مۇخبىرىمىز يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 4 – ئاينىڭ 27 – كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 – ، 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى مەزگىلدە خەلق ئىشلىرى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى مەزگىلدىكى خەلق ئىشلىرى خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك.

    شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى مەزگىلدىكى خەلق ئىشلىرى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە مەسئۇلىيەت مۇھىم، بۇرچ شەرەپلىك، ھەر دەرىجىلىك خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى ‹‹ئۈچ چوڭ جەڭ››نى ياخشى قىلىشنىڭ مۇھىم رېئال ئەھمىيىتى ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇشى، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈشى، زور خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش جېڭىنى ياخشى قىلىشنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى مۇھىم ئالدىنقى شەرت، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش جېڭىنى ياخشى قىلىشنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ھەل قىلغۇچ ئالدىنقى شەرت، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى ياخشى قىلىشنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى زۆرۈر شەرت ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇشى، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشى، كەسكىن ئىرادە ۋە توختىماي ئالغا باسىدىغان جاسارەت بىلەن ‹‹ئۈچ چوڭ جەڭ››نى قەتئىي ياخشى قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش تارىخىي ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشى كېرەك.

    شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلق ئىشلىرى خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم خىزمىتى بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ جان – دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ مەقسىتىنى، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكىنى، خەلقنى مەركەز قىلغان ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىنى ئەڭ بىۋاسىتە گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ. يېڭى مەزگىلدىكى خەلق ئىشلىرى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، مەركەزنى چۆرىدەش، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىنىڭ فۇنكسىيەسى، مەسئۇلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، بىرىكىش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، دىققەتنى باش نىشانغا، ‹‹ئۈچ چوڭ جەڭ››نى ياخشى قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈش جەھەتتە دەل جايىدا ئورۇن بەلگىلەش، دەل جايىدا كۈچەش كېرەك.

    شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىك خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي كاپالەت ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشى كېرەك. دەل جايىدا بېكىتىش، دەل جايىدا پاناھلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىش؛ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، ساغلاملىق، كۈتۈنۈش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش؛ مەۋقەنى زور خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا قويۇپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش؛ ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى قېلىپلاشتۇرۇش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش؛ خەلق ئىشلىرى سىستېمىسىنىڭ ئىنتىزام ۋە ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر مىللەت ئاممىغا، بولۇپمۇ قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقىنى پۇقرالارنىڭ قەلبىگە ھەقىقىي يەتكۈزۈش كېرەك.

    ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جەرۇللا ھېسامىدىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى