ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - قىززىق نوقتا

ئىتتىپاقلىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغدايمەن

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 05 - ئاينىڭ 04- كۈنى 04:28   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    جىمىسار ناھىيەسى جىشۈن تىرانسپورت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى جىشياڭ ئاپتوموبىل تەكشۈرۈش–سىناش پونكىتىنىڭ باشلىقى ئەكبەرجان ئەركىن ئىسھاق

    كارخانا باشقۇرغۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىپ، ئەتراپىمدىكى ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكە، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاشقا، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەيمەن، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى تۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى زىممەمگە ئېلىپ، كۆپچىلىكنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، بىرلىكتە شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغدايمەن.

    ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما تۇرمۇشىدا يۈز بەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى تېخىمۇ ئېنىق ھېس قىلدى، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش، چارۋىچىلارنى ماكانلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ۋە كاپالەتلىك تۇرالغۇ سىياسىتىدىن، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى، ماھارەت يېتىلدۈرۈش بويىچە ھەقسىز تەربىيەلەش، ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكنى ھەقسىز تەكشۈرتۈش قاتارلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىدىن، بىخەتەر سۇ ئىچىش، ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىش، يېزا يوللىرىنى كەنتلەرگە تۇتاشتۇرۇش، رادىيو – تېلېۋىزىيەنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرى ئېلىپ كەلگەن ئەمەلىي نەپتىن بەھرىمەن بولدى، بۇ ياخشى سىياسەت، ياخشى تۇرمۇشنى پارتىيە بىزگە ئېلىپ كەلگەن.

    مەن دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىدا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇدۇم، مەكتەپ پۈتكۈزۈپ كارخانا باشقۇرغۇچىسى بولۇپ يېتىشىپ چىقتىم ھەم تىرىشىپ ئىشلەپ، پارتىيەنىڭ مېنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن شەپقىتىگە جاۋاب قايتۇرۇشقا ئىرادە باغلىدىم. ھازىر، پارتىيەگە جاۋاب قايتۇرۇشنىڭ پەقەت ئۆز خىزمىتىمنى ياخشى ئىشلەش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم، مەن ئەتراپىمدىكى تېخىمۇ كۆپ ھەرمىللەت ئاكا – ئېنى، ئاچا – سىڭىللارغا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ رەزىل ماھىيىتى ۋە ئېغىر زىيىنىنى بىلدۈرىمەن، ئۇلارغا سەگەكلىك بىلەن ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ بىزنىڭ بەختلىك، خاتىرجەم تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلىقىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭلا بىزنى تىنچ، بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىدىغانلىقىنى ئېنىق تونۇتىمەن؛ ئۇلارغا سەگەكلىك بىلەن مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بولمىسا، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختلىك، گۈزەل كۈنلىرىنىڭ بولمايدىغانلىقىنى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ شىنجاڭنى ۋەتىنىمىز قوينىدىن ئايرىپ چىقىشتەك رەزىل غەرىزىنىڭ ھەرگىزمۇ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى ئېنىق تونۇتىمەن. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى كۈرەشتە مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، ئاتاكىغا ئۆتۈپ، ھەرگىز چەتتە قاراپ تۇرمايمەن، مۇناسىۋەتسىز ئادەم بولمايمەن، ھەر مىللەت خەلق بىلەن بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئاداققىچە قەتئىي كۈرەش قىلىمەن.

    يېڭى دەۋردىكى ياش بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئەمەلىي ئىشلەپ كۈرەش قىلغۇچىلاردىن، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئالغۇچىلاردىن بولۇپ، ياشلارغا خاس جاسارىتىمنى نامايان قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى بۇرچنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ، يېڭى دەۋردىكى مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى