ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - قىززىق نوقتا

ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ بىرىنچى سېپىگە ئاتلىنىمەن

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 05 - ئاينىڭ 04- كۈنى 04:25   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    بورتالا شەھەرلىك مېيىپلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن كېڭەش باشلىقى ئەكبەر ئەنۋەر

    ھەر مىللەت خەلق تىرىشىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇۋاتقان پەيتتە، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› مىللەت، دىننى دەستەك قىلىپ، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان زوراۋانلىق ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ، بىگۇناھ كىشىلەرگە زىيانكەشلىك قىلدى، ھاياتىنى دەپسەندە قىلدى. ئۇلارنىڭ مەقسىتى دۆلەتنى پارچىلاش، مىللىي ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىش، ئاۋامنىڭ خاتىرجەملىكىنى بۇزۇش. بىز ئىتتىپاقلىشىپ ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئۇلارنىڭ رەزىل مەقسىتىگە يېتىشىگە قەتئىي يول قويماسلىقىمىز كېرەك.

    مەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش بايرىقىنى ھەر ۋاقىت ئېگىز كۆتۈرىمەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرىمەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە باشتىن – ئاخىر تونۇشتا مۈجمەل بولمايمەن، پوزىتسىيەدە تۇتۇق بولمايمەن، ھەرىكەتتە تەۋرەنمەيمەن، پارتىيەگە سادىق بولۇپ، مەيدانىمنى مۇستەھكەم قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە سەزگۈر بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىللىق بىلەن زىممەمگە ئالىمەن. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە زەربىدارلىق بىلەن ئالدىغا ئۆتۈپ، باشلامچى بولىمەن، قەتئىي ‹‹ياخشىچاق›› بولمايمەن، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىشقا جۈرئەت قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ بىرىنچى سېپىگە ئاتلىنىمەن. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى، ئۇ تۈرلۈك ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى ھەم ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. مەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى باشلامچىلىق بىلەن قوغداپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىمنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يېتەكلەپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، گۈزەل يۇرت – ماكاننى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىمەن.

    مەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زور ئەھمىيىتى، ئاساسىي نۇقتىئىنەزەرى ۋە يېڭى نەزەرىيەسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرىمەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ، دىققەتنى باش نىشانغا تېخىمۇ ياخشى مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى