ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - قىززىق نوقتا

ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى خىزمەت مەسئۇلىيىتىمنى ھەقىقىي جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرىمەن

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 05 - ئاينىڭ 02- كۈنى 04:59   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سەھىيە–پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىر گۈلزار مۇختەر

    شىنجاڭ ھازىر ‹‹ئۈچ مەزگىل گىرەلەشكەن›› ئالاھىدە تارىخىي مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، مائارىپ سىستېمىسى بۆلگۈنچىلىككە ۋە سىڭىپ كىرىشكە قارشى تۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سەپ بازىسى بولۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› بىز بىلەن بازىنى، كىشىلەر قەلبىنى، ئەۋلادلارنى تالىشىش كۈرىشىنى باشتىن – ئاخىر توختاتمىدى. ئۇلار بارلىق ئاماللار بىلەن ھەر خىل ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ سىڭىپ كىردى، ھەتتا ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، مەكتەپلەردە قۇتراتقۇلۇق قىلدى.

    شۇڭا، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھاياتىدىكى تۇنجى تۈگمىسىنى ياخشى ئېتىشىگە ياردەم بېرىشتە مېنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىم بار. مەن سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە باشتىن–ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى مەركىزىي ھالقا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەۋى–سىياسىي تەربىيە خىزمىتىنى مائارىپ ئوقۇتۇشىنىڭ ئومۇمىي جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئوقۇتۇشنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا ئادەم تەربىيەلەش ۋە ئادەمنى ھەر تەرەپلىمە تەربىيەلەشنى ئىشقا ئاشۇرىمەن؛ ئوقۇغۇچىلارغا ئاتېئىزم تەربىيەسى، دىيالېكتىك ماتېرىيالىزم ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزم تەربىيەسىنى ياخشى قىلىپ، مەكتەپنىڭ تەربىيەلەش ئاساسىي بازىسى بولۇشتەك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىمەن؛ بارلىق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارغا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋە ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› ئىدىيەسىنىڭ جىنايى ماھىيىتىنى ئېنىق سۆزلەپ، ئوقۇغۇچىلاردا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› ئىدىيەسىگە قارىتا مەڭگۈ قارشى تۇرىدىغان ئىممۇنىتېت كۈچى شەكىللەندۈرىمەن؛ ‹‹پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، پارتىيە ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولۇش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش›› تەشۋىق–تەربىيەسى، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش تەربىيەسىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرىمەن؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى ئىزچىل چىڭ تۇتۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىكنى يادرو قىلغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى قەتئىي بوشاشماي قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى مائارىپ ۋە ئوقۇتۇشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرىمەن. ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى، شۇنىڭدەك ‹‹ئۈچ كىرىش، ئىككى ئالاقىلىشىش، بىر دوستلىشىش›› پائالىيىتىنى ياخشى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى–ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىمەن. ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى–ئوقۇغۇچىلارنى ماركسىزملىق ‹‹بەش قاراش››، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا پائال يېتەكلەيمەن، ‹‹بەشنى تونۇش›› تۇيغۇسىنى كۈچەيتىمەن، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى–ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ئىدىيەۋى ئاساسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەيمەن.

    مائارىپ شەرەپلىك ئالىي كەسىپ، بىز بىر ئوچۇم ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ دەرس مۇنبىرىنى ئىگىلەپ، ئەۋلادلىرىمىزنى نابۇت قىلىشىغا ھەرگىز يول قويمايمىز. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› جىنايى مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، مائارىپ ساھەسىدىكى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر بىلەن ئېغىز–بۇرۇن يالىشىپ، ئوقۇتقۇچى–ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيەسىنى قايمۇقتۇرۇشقا ئۇرۇندى. ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر دەرس مۇنبىرىدە تۇرۇپ، ساددا بالىلار بىلەن يۈزتۇرا ئۇچرىشىدۇ، ئۇلارنىڭ ئالدامچىلىقى، يوشۇرۇنۇشچانلىقى، خەتىرى تېخىمۇ كۈچلۈك، ئاپىتى تېخىمۇ زور، زەھىرى تېخىمۇ چوڭقۇر. پولاتتەك پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلاپ بەردىكى، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى يوقاتمىساق مەكتەپتە تىنچلىق بولمايدۇ، شىنجاڭدا تىنچلىق بولمايدۇ. مەن ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن – ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ مەكتەپ ئىچىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا، مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا قەتئىي يول قويمايمەن، دەرس مۇنبىرىنىڭ سىياسىي ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلغان ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، قەتئىي كېچىكتۈرمەستىن ۋاقتىدا جازالايمەن، ئۇلارغا قەتئىي ئىچ ئاغرىتمايمەن ھەم يۇمشاق قوللۇق قىلمايمەن. ئۇلارنى ھەرگىز ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتمەيمەن، كادىرلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى، مەكتەپنى، دەرسخانىنى، دەرسلىكنى ساپلاشتۇرۇپ، مائارىپ بازىسىنى چىڭ ئىگىلەپ، بىر غېرىچ يەرنىمۇ تالىشىمەن، بىر غېرىچ يەرنىمۇ قولدىن بەرمەيمەن، ماركسىزم بايرىقىنى گۈزەل مەكتەپ قوينىدا مەڭگۈ جەۋلان قىلدۇرىمەن.

    يېڭى پۇرسەت، يېڭى خىرىس ئالدىدا، مەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، بۇرچ ۋە مەسئۇلىيىتىمنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆز كۈچۈمنى تەقدىم قىلىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى خىزمەت مەسئۇلىيىتىمنى ھەقىقىي جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇش، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ خىسلىتىنى باشتىن–ئاخىر ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن ئەقلىم ۋە كۈچۈمنى تەقدىم قىلىمەن.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى