ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - ئىقتىساد ۋە تەرەقىيات

شىنجاڭنىڭ 1-پەسىللىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) 202 مىليارد يۈەنگە يەتتى

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 04 - ئاينىڭ 23- كۈنى 05:06   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تەڭرىتاغ تورى

                                                                 

                                                                    

   ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى: 4-ئاينىڭ 22-كۈنى مۇخبىرنىڭ 1-پەسىللىك ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە خەلق ئىگىلىكىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خەلق ئىگىلىكى بۇلتۇردىن باشلاپ سىجىل ياخشى بولۇشتەك تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ياراتقان. دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىچە، بىرىنچى پەسىلدە، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) 202 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، سېلىشتۇرما باھاغا نىسبەتەن سېلىشتۇرغاندا، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.7 ئاشقان.

    ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ۋاڭ يۆ مۇنداق دېدى: بۇ يىل 1-پەسىلدە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى بۇلتۇردىن بۇيانقى ياخشى تەرەققىيات ھالىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى مۇقىم بولۇپ، ئىستېمال بازىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ياخشى بولدى، مال باھاسى مۆتىدىل ئېشىپ، مالىيە پۇل مۇئامىلە تىرىكىنىڭ كۈچلۈك بولۇشى نەتىجىسىدە، خەلق ئىگىلىكىنىڭ ياخشى باشلىنىشى ئەمەلگە ئاشتى.

    ئىگىلىنىشىچە، 1-پەسىلدە، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە 1-كەسپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 12 مىليارد 234 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.4 ئاشقان؛ 2-كەسپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 79 مىليارد 349 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.3 ئاشقان؛ 3-كەسپنىڭ قوشۇمچە قىممىتى 110 مىليارد 417 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.1 ئاشقان.

    تۆھپە قوشۇش دەرىجىسىدىن قارىغاندا، 1-كەسپنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسى %3.3، 2-كەسپنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسى %30.9، 3-كەسپنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسى %65.8 بولغان.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى