ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - خەلقئارا

سومالى ھۆكۈمەت ئارمىيەسى «ياشلار پارتىيەسى»نىڭ قوراللىق ئۇنسۇرلىرىدىن 30نى ئېتىپ ئۆلتۈردى

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 04 - ئاينىڭ 20- كۈنى 05:06   |    ئاپتور :   |   مەنبە : خەلق تورى

    خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇقدىشۇ خەۋىرى: سومالى ھەربىي تەرەپنىڭ باياناتچىسى 17- چېسلا مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت ئارمىيەسى شۇ كۈنى سۇمالىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى شىران رايونىدا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىپ، ئەسەبىي تەشكىلات سومالى «ياشلار پارتىيەسى»نىڭ قوراللىق ئۇنسۇرلىرىدىن 30نى ئېتىپ ئۆلتۈردى.

    سومالى ھۆكۈمەت ئارمىيەسى شىران رايونىنىڭ باياناتچىسى مۇھەممەد نۇر تاراتقۇلارغا مۇنداق دېدى: كەسكىن جەڭ قىلىش ئارقىلىق، ھۆكۈمەت ئارمىيەسى قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ئىشغال قىلىۋالغان بازىنى قايتۇرىۋېلىپلا قالماي، يەنە بىر قىسىم قورال-جابدۇقلارنىمۇ قولغا چۈشۈردى.

    يېقىنقى مەزگىلدە، سومالىدا تۇرۇۋاتقان ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى تىنچلىق ساقلاش قىسمىنىڭ قوللىشى ئاستىدا، سومالى ھۆكۈمەت ئامىيەسى «ياشلار پارتىيەسى»نىڭ قوراللىق ئۇنسۇرلىرىغا زەربە بېرىش سالمىقىنى كۈچەيتتى.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى