ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - ئىقتىساد ۋە تەرەقىيات

جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ھاياتىي كۈچى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى قوزغاتتى

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 04 - ئاينىڭ 16- كۈنى 04:28   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تەڭرىتاغ تورى

    جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ دۇنياغا كۆرسەتكەن تەسىرى قانچىلىك؟

    2017-يىلى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %6.9 ئېشىپ، داۋاملىق دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى. دۇنيا بانكىسىنىڭ مۆلچەرىگە قارىغاندا، 2017-يىلى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %3 ئەتراپىدا بولغان، شۇ قېتىملىق ئېشىش سۈرئىتى بويىچە ھېسابلىغاندا، 2017-يىلى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %15.3 ئەتراپىدا ئۆرلەپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا %34 ئەتراپىدا تۆھپە قوشقان.

    دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئۇنىۋېرسال مەھكىمىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ سىجىل، مۇقىم، ياخشى بولۇشى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى، دۇنيا سودا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقاردى، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقىگە ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى. رەئىس شى جىنپىڭ «بوئاۋ» ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا نۇتۇق سۆزلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىدىغان بىر قاتار زور تەدبىرلەرنى ئايدىڭلاشتۇردى، بۇ جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش دائىرىسىدە دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ پايدا ئېلىپ كېلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

    جۇڭگو ئىقتىسادى دۇنيا ئىقتىسادى ئېشىشىنىڭ مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو ئىقتىسادى سىجىل ئوتتۇراھال، يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشنى ساقلاپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشى ۋە ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىدا كەم بولسا بولمايدىغان موتورغا ئايلاندى. 2013-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە، شۇ يىللىق پېروۋوت نىسبىتى بويىچە ھېسابلىغاندا، جۇڭگونىڭ مەملىكەت ئىچى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى دۇنيا ئىقتىسادى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %12.5 ىنى ئىگىلەپ، 2.3 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان. 2010-يىلىدىكى ئامېرىكا دوللىرى قىممىتى بويىچە ھېسابلىغاندا، تۆت يىلدا جۇڭگو ئىقتىسادى %7.2 لىك يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكى ئامېرىكا، ياۋروپا رايونى ۋە ياپونىيەدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تەرەققىي قىلغان ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ %2.1، %1.2 ۋە %1.1 يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىدىن يۇقىرى تۇرغان، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان ئوتتۇرىچە تۆھپىسى %30 تىن ئاشقان.

    دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ سىجىل مۇقىم ئېشىشى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەۋرەنمە خەۋپ-خەتىرىنى تۆۋەنلىتىشتە ھەل قىلغۇچ رول ئويناپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تۇراقلاشتۇرغۇچىسىغا ئايلاندى. 2013-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدە تەۋرىنىش نىسبىتى 1.1 پىرسەنت پوئېنت بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكى ئامېرىكا، ياۋروپا رايونى ۋە ياپونىيەدىن ئىبارەت ئۈچ ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ تەۋرىنىشى كۆرۈنەرلىك بولغان.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى