ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدا 2018-يىلىنىڭ 1-پەسىلدە 316 مىڭ 700 كىشى كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەندى

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 04 - ئاينىڭ 16- كۈنى 04:26   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تەڭرىتاغ تورى

    ئۆز خەۋىرىمىز: مۇخبىرنىڭ 4-ئاينىڭ 12-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 1-پەسىلدە ئاپتونوم رايونىمىزدا 316 مىڭ 700 كىشى كەسپىي تەربىيەلەشكە قاتنىشىپ، يىللىق نىشان-ۋەزىپىنىڭ %28.79 ى تاماملانغان، تەربىيەلەنگەنلەر بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 90 مىڭ 800 كىشى ئېشىپ، تاماملىنىش نىسبىتى 6.2 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىگەن.

    جۈملىدىن، ئاپتونوم رايونىمىز 1-پەسىلدە 173 مىڭ 100 كىشىنى ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، يىللىق نىشان-ۋەزىپىنىڭ %50.66 ىنى تاماملىغان، تەربىيەلەنگەنلەر بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1200 كىشى ئېشىپ، تاماملىنىش نىسبىتى 2.56 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىگەن؛ 125 مىڭ 400 كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىسبىتى %72.44 گە يېتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىسبىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 13.14 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان.

    تونۇشتۇرۇلۇشىچە، شەھەر-بازارلاردىكى ئىشسىزلارنى ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتى بويىچە 2018-يىلىنىڭ 1-پەسىلىدە 19 مىڭ 600 كىشى تەربىيەلىنىپ، نىشان-ۋەزىپىنىڭ %46.94 ى تاماملانغان، تەربىيەلەنگەنلەر بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1000 كىشى ئېشىپ، تاماملىنىش نىسبىتى 7.94 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىگەن؛ 15 مىڭ 500 كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىسبىتى %79.1 كە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.61 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان.

    يېزىلاردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتى بويىچە 153 مىڭ 500 كىشى تەربىيەلىنىپ، نىشان-ۋەزىپىنىڭ %51.16 ى تاماملانغان، تەربىيەلەنگەنلەر بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1100 كىشى ئېشىپ، تاماملىنىش نىسبىتى 1.46 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىگەن؛ 109 مىڭ 900 كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىسبىتى %71.5 بولغان، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىسبىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 14.78 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، 2018-يىلىنىڭ 1-پەسىلىدە ئىگىلىك تىكلەش بويىچە 7168 كىشى تەربىيەلىنىپ، يىللىق نىشان-ۋەزىپىنىڭ %17.92 تاماملىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن تەڭلەشكەن؛ 2425 كىشى ئىگىلىك تىكلەپ، ئىگىلىك تىكلەشتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش نىسبىتى %33.83 كە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.53 ئاشقان؛ خىزمەت ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش بويىچە 136 مىڭ 500 ئادەم (قېتىم) تەربىيىلىنىپ، يىللىق نىشان-ۋەزىپىنىڭ %19.01 ى تاماملىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 79 مىڭ 600 كىشى ئاشقان، تاماملىنىش نىسبىتى 1.14 پىرسەنت پوئېنت ئازلىغان.

    ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى كەسپىي ئىقتىدار قۇرۇلۇشى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۇڭ جۈنچياڭ مۇنۇلارنى تونۇشتۇردى: شىنجاڭدا 1-پەسىلدە 34 مىڭ كىشى كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشتى، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭىدىن كۆپەيگەن يۇقىرى ئىقتىدارلىق ئىختىساسلىقلاردىن 5000 ى بار، 2018-يىلى ئاپتونوم رايونىمىز كەسپىي تەربىيەلەش كۆلىمىنى داۋاملىق كېڭەيتىدۇ، ئاپتونوم رايون بويىچە 2018-يىللىق كەسپىي تەربىيەلەشتە 1 مىليون 100 مىڭ كىشىنى تەربىيەلەش بېكىتىلگەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 100 مىڭ كىشى كۆپىيىپ، %10 ئاشىدۇ.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى