ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - شىنجاڭ

شىنجاڭدىكى ئالتە شەھەر «2018-يىلى جۇڭگودىكى 100 شەھەرنى ساياھەت قىلىش» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 04 - ئاينىڭ 16- كۈنى 04:24   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تەڭرىتاغ تورى

                                                         

                                                         

  تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: 4-ئاينىڭ 13-كۈنى ئېچىلغان جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىدىكى ساياھەت ماركىتىڭ يىغىنىدا «2018-يىلى جۇڭگودىكى 100 شەھەرنى ساياھەت قىلىش» تىزىملىكى رەسمىي ئېلان قىلىندى. بېيجىڭ، خاڭجۇ، شىئەن، يىنچۈەن قاتارلىق مەملىكەتتىكى 100 داڭلىق ساياھەت شەھەرلىرى تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى. شىنجاڭدىكى بېيتۈن شەھىرى، شىخەنزە شەھىرى، قومۇل شەھىرى، ئۈرۈمچى شەھىرى، قاراماي شەھىرى تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى.

    شىنجاڭنىڭ ساياھەت بايلىقى مول، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى ياخشى بولغان تەرەققىياتقا ئېرىشتى، شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، شىنجاڭ ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كۆپلىگەن ساياھەت كارخانىلىرى ۋە ئورۇنلىرى بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتنىشىپ، كۆپ تەرەپلەرنىڭ ئەۋزەللىكىنى يۇغۇرۇپ، شىنجاڭ بىلەن يىپەك يولى بويىدىكى ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايونلارنىڭ ساياھەت ماركىسى ۋە ئەمەلىي ئىقتىدارىنىڭ ئورتاق زورىيىشىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈپ، يىپەك يولىدىكى ساياھەت ماركا بازىرىنىڭ ھاياتى كۈچى، يادرولۇق رىقابەت كۈچى ۋە بازار تەسىر كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى