ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - سۆرەتلىك خەۋەر

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق دېڭىز ئارمىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان دېڭىز ئارمىيەسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 04 - ئاينىڭ 16- كۈنى 04:10   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    شى جىنپىڭ دېڭىز ئارمىيەسى ئوفىتسېر – ئەسكەرلىرىنى ھەر ۋاقىت كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلدى. ئۇ چۈشتە ماتروسلار ئاشخانىسىغا كېلىپ، ماتروسلار بىلەن بىللە چۈشلۈك تاماقشى جىنپىڭ نەنخەي دېڭىزى تەۋەسىدە ھەربىي پاراتنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى:

    يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق دېڭىز ئارمىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان دېڭىز ئارمىيەسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

                                        

 
 
مەركىزىي ھەربىي كومىتېت 4 – ئاينىڭ 12 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، نەنخەي دېڭىزى تەۋەسىدە داغدۇغىلىق دېڭىز ئۈستى ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈپ، خەلق دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ يېپيېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلىپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قەتئىي ئىشەنچىسىنى ئۇرغۇتتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قىسىمنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ دېڭىز ئۈستى ئەترەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە.                                  
مەركىزىي ھەربىي كومىتېت 4 – ئاينىڭ 12 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، نەنخەي دېڭىزى تەۋەسىدە داغدۇغىلىق دېڭىز ئۈستى ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈپ، خەلق دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ يېپيېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلىپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قەتئىي ئىشەنچىسىنى ئۇرغۇتتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قىسىمنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ ‹‹چاڭشا›› ناملىق پاراخوتتىكى قىسمەن ئوفىتسېر – ئەسكەرلەر بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.    
مەركىزىي ھەربىي كومىتېت 4 – ئاينىڭ 12 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، نەنخەي دېڭىزى تەۋەسىدە داغدۇغىلىق دېڭىز ئۈستى ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈپ، خەلق دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ يېپيېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلىپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قەتئىي ئىشەنچىسىنى ئۇرغۇتتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قىسىمنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.  سۈرەتتە: شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلماقتا.                          
مەركىزىي ھەربىي كومىتېت 4 – ئاينىڭ 12 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، نەنخەي دېڭىزى تەۋەسىدە داغدۇغىلىق دېڭىز ئۈستى ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈپ، خەلق دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ يېپيېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلىپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قەتئىي ئىشەنچىسىنى ئۇرغۇتتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قىسىمنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. سۈرەتتە: ئاۋىياماتكا ئارقىلىق زەربە بېرىش ئۇرۇش قىلىش توپى قاتارلىقلار كۆزدىن كەچۈرۈشنى قوبۇل قىلماقتا.

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، سەنيا، 4 – ئاينىڭ 12 – كۈنى تېلېگراممىسى. يېڭى دەۋردە يەلكەن كۆتۈرۈلۈپ، يېڭى مۇساپە باشلاندى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېت 4 – ئاينىڭ 12 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، نەنخەي دېڭىزى تەۋەسىدە داغدۇغىلىق دېڭىز ئۈستى ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈپ، خەلق دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ يېپيېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلىپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قەتئىي ئىشەنچىسىنى ئۇرغۇتتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قىسىمنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر مۇساپىسىدە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كۈرىشىدە قۇدرەتلىك خەلق دېڭىز ئارمىيەسىنى قۇرۇپ چىقىش ۋەزىپىسى ئەزەلدىن بۈگۈنكىدەك تەخىرسىز بولۇپ باقمىغان. يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئارمىيەنى سىياسىي ئارقىلىق قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى پەن – تېخنىكا ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دېڭىز ئارمىيەسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى قەتئىي تەۋرەنمەستىن تېزلىتىپ، يېڭىلىق يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، دادىللىق بىلەن ھالقىپ ئۆتۈپ، خەلق دېڭىز ئارمىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان دېڭىز ئارمىيەسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشىش كېرەك.

    خەينەن رەڭدار تۈسكە كىرىپ، نەنخەي دېڭىزى دولقۇنلايتتى. سائەت 9 ئەتراپىدا شى جىنپىڭ دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ مەلۇم قوغلىغۇچى پاراخوت تارماق ئەترىتى پىرىستانىغا كېلىپ، كۆزدىن كەچۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىغان ‹‹چاڭشا›› ناملىق پاراخوتقا چىقتى. كۆزدىن كەچۈرۈش پاراخوتىغا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئالىي مۇراسىمدا ئېسىلىدىغان خەۋەرلىشىش بايرىقى ئېسىلدى، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق، ‹‹1 – ئاۋغۇست›› ئارمىيە بايرىقى جەۋلان قىلىپ تۇراتتى، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى. شى جىنپىڭ ئۇچۇش پالوبىسىدا ھۆرمەت قاراۋۇلىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئارقىدىن، كۆزدىن كەچۈرۈش پاراخوتى گۈدۈك چېلىپ قوزغىلىپ، قوغدىغۇچى پاراخوتنىڭ مۇھاپىزەت قىلىشى بىلەن ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈلىدىغان دېڭىز تەۋەسىگە قاراپ ئىلگىرىلىدى.

    مۇشۇ پەيتتە خەلق دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ 48 ئۇرۇش پاراخوتى دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىدى، 76 ئۇرۇش ئايروپىلانى كۆكتە پەرۋاز قىلدى، 10 مىڭدىن كۆپرەك ئوفىتسېر – ئەسكەر مەردانە ھالدا تەق بولدى... بۇ، يېڭى جۇڭگو تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ دېڭىز ئۈستى ھەربىي پارات بولۇپ، خەلق دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ يېڭى دەۋردىكى قىياپىتىنى نامايان قىلدى.

    پاراخوت ئاق بۇژغۇن ئۆرلىتىپ ئىلگىرىلىدى... كۆپكۆك دېڭىزدا شۇڭغۇپ كېتىۋاتقان ھەيۋەتلىك پاراخوت ئىزىغا 70 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيانقى خەلق دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بوشاشماي كۈرەش قىلىش روھى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان قۇدرەت تاپقان خەلق دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ غايەت زور نەتىجىسى نامايان قىلىندى.

    سائەت 10دىن ئاشقاندا كۆزدىن كەچۈرۈش پاراخوتى بەلگىلەنگەن دېڭىز تەۋەسىگە يېتىپ كەلدى. دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى شېن جىنلۇڭ، سىياسىي كومىسسارى چىن شېڭشياڭ دېڭىز ئۈستى ئەترىتىنىڭ تەييار بولغانلىقىنى دوكلات قىلدى، شى جىنپىڭ پاراتنى باشلاش بۇيرۇقى بەردى.

    جۇشقۇن پارات مارشىغا ئەگىشىپ، ھەربىي پاراتقا قاتناشقان پاراخوتلار ئۇرۇش قىلىش گۇرۇپپىسى بويىچە ئىستراتېگىيەلىك زەربە بېرىش، سۇ ئاستىدا ھۇجۇم قىلىش، يىراق ئوكياندا ئۇرۇش قىلىش، ئاۋىياماتكا ئارقىلىق زەربە بېرىش، ھەم قۇرۇقلۇقتا، ھەم دېڭىزدا ئۇرۇش قىلىش، يېقىن دېڭىزدا مۇداپىئەلىنىش، ئۇنىۋېرسال كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت يەتتە ئۇرۇش قىلىش توپى بولۇپ تەشكىللىنىپ، تاغنى تالقان قىلىشتەك ھەيۋىسى بىلەن دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىدى. ھەربىي پاراتقا قاتناشقان ئايروپىلان گۇرۇپپىسى پاراخوت تىك ئۇچار ئايروپىلانى، چۆكمە پاراخوتقا قارشى ئۇرۇش قىلىش، سىگنال بېرىپ قوماندانلىق قىلىش، يىراق دېڭىزدا ئۇرۇش قىلىش، دېڭىزدا تۇيۇقسىز زەربە بېرىش، يىراقتىن ياردەم بېرىپ مۇھاپىزەت قىلىش، ھاۋا بوشلۇقىنى كونترول قىلىپ ئۇرۇش قىلىش قاتارلىق ئون ھاۋا ئەترىتى بولۇپ تەشكىللىنىپ، ھەربىي پاراتقا قاتناشقان پاراخوت ئەترىتى ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتتى. دېڭىز ئاستىدا ‹‹كۆك كىت›› شۇڭغۇپ، دېڭىز ئۈستىدە ئۇرۇش پاراخوتى سەپ بولۇپ ئۈزۈپ يۈرەتتى، كۆكتە ‹‹كۈمۈش بۈركۈت››لەر پەرۋاز قىلىپ، ھەيۋەتلىك دېڭىز ۋە ئاسمان مېلودىيەسىنى ياڭراتقانىدى.

    ھەربىي پاراتقا قاتناشقان پاراخوتلار كۆزدىن كەچۈرۈش پاراخوتىنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە، ئۇزاققىچە گۈدۈك ياڭراپ، ئوفىتسېر – ئەسكەرلەر سەپ بولۇپ تىك تۇرۇپ، رەئىس شى جىنپىڭغا ئېھتىرام بىلدۈردى. ‹‹يولداشلار ياخشىمۇسىلەر!››، ‹‹رەئىس ياخشىمۇسىز!››، ‹‹يولداشلار جاپا تارتتىڭلار!››، ‹‹خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىمىز!›› شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي ھال سورىشىغا چوڭقۇر مۇھەببەت سىڭگەن بولۇپ، ئوفىتسېر – ئەسكەرلەر ياڭراق جاۋاب قايتۇردى. قوماندان بىلەن ئوفىتسېر – ئەسكەرلەرنىڭ قەلبى بىر – بىرىگە چىڭ باغلاندى.

    بۇ قېتىمقى دېڭىز ئۈستى ھەربىي پاراتقا ‹‹لياۋنىڭ›› ناملىق ئاۋىياماتكا ئەترىتى قاتناشتى، زور بىر تۈركۈم يېڭى تىپتىكى چۆكمە پاراخوت، سۇ ئۈستى پاراخوتى، ئۇرۇش ئايروپىلانى مەركەزلىك نامايان قىلىنىپ، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن كېيىن سەپلەنگەن ھەربىي پاراخوت ھەربىي پاراتقا قاتناشقان پاراخوتنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى.

    شى جىنپىڭ دېڭىز ئۈستى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، كۆزدىن كەچۈرۈش پاراخوتىنىڭ ھەيدەش بۆلۈمچىسىگە كېلىپ، پاراخوت دېرىزىسىدىن ھەربىي پاراتقا قاتناشقان ئەترەتنىڭ يول يۈرۈش ئەھۋالىنى كۆردى. ھەربىي پاراخوت ئەترىتى دولقۇن يېرىپ ھەيۋەت بىلەن ئىلگىرىلىدى.

    سائەت 11دىن ئاشقاندا، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: قۇدرەتلىك خەلق دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇشقا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ دېڭىزغا تەلپۈنۈش دەۋر ئارزۇسى يۈكلەنگەن بولۇپ، بۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە خەلق دېڭىز ئارمىيەسى دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، يېقىن دېڭىزنى كېسىپ ئۆتۈپ، يىراق ئوكيانغا باتۇرلۇق بىلەن يۈرۈش قىلىپ، دەۋر تەرەققىيات ئېقىمىغا چوڭ قەدەم بىلەن يېتىشىپ، پۈتۈن دۇنيا كۆز تىككەن ئۇلۇغ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۈگۈنكى خەلق دېڭىز ئارمىيەسى يېپيېڭى قىياپىتى بىلەن دۇنيانىڭ شەرقىدە قەد كۆتۈرمەكتە! پارتىيە ۋە خەلق قەھرىمان ھەم شەرەپلىك خەلق دېڭىز ئارمىيەسىدىن پەخىرلىنىدۇ ۋە ئىپتىخارلىنىدۇ!

    شى جىنپىڭ دېڭىز ئارمىيەسى ئوفىتسېر – ئەسكەرلىرىدىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدىن ئىبارەت تۈپ پىرىنسىپ ۋە تۈزۈمنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، غايە، ئېتىقادنى مۇستەھكەملەپ، شەرەپلىك ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىدىغان، سىياسىي جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان كۈچلۈك دېڭىز قوشۇنىنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىچە ئۇرۇش قىلىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى كۈچەيتىپ، زامانىۋى دېڭىز ئۇرۇش قىلىش سىستېمىسىنى زور كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، كۆپخىللىشىۋاتقان ھەربىي ۋەزىپە ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش كېرەك. ئۇرۇش قىلىش ئۆلچىمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئۇرۇش قىلىش ھەربىي مەشىقىنى چىڭ تۇتۇپ، يۈكسەك ئېھتىيات ھالىتىدە تۇرۇپ، ھەر ۋاقىت پارتىيە ۋە خەلقنىڭ چاقىرىقىغا بويسۇنۇپ، دۆلەتنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداپ، دۇنيا ۋە رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشقا تىرىشىپ يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

    شى جىنپىڭ خەلق دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بۇرچىنى ئادا قىلىپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، يېڭى دەۋردە ئۈزلۈكسىز تېخىمۇ شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى!

    شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىگە ئۇزاققىچە قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىتىلدى.

    دېڭىز ئۈستى ھەربىي پارات ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ ‹‹لياۋنىڭ›› ناملىق ئاۋىياماتكىدىكى ‹‹قىرغۇچى – 15›› بەلگىلىك ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچۈردى. گۈلدۈرلىگەن ئاۋاز بىلەن تەڭ، تۆت ئۇرۇش ئايروپىلانى ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپ، بۇلۇتلار ئارىسىغا كىرىپ كەتتى. ئارقىدىن، شى جىنپىڭ كۆزدىن كەچۈرۈش پاراخوتىنىڭ دېڭىز قاتنىشى خەرىتىخانىسىغا كىرىپ، دېڭىز قاتنىشى خاتىرىسىگە تەنتەنىلىك ھالدا ئىمزا قويدى.

    شى جىنپىڭ دېڭىز ئارمىيەسى ئوفىتسېر – ئەسكەرلىرىنى ھەر ۋاقىت كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلدى. ئۇ چۈشتە ماتروسلار ئاشخانىسىغا كېلىپ، ماتروسلار بىلەن بىللە چۈشلۈك تاماق يەپ، كۆپچىلىكنىڭ ئۆگىنىش، مەشىق، تۇرمۇش ئەھۋالىنى سەمىمىي سورىدى. كۆزدىن كەچۈرۈش پاراخوتى پىرىستانغا كېلىپ توختىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ ئالدىنقى پالوبىدا ئوفىتسېر – ئەسكەرلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، كۆپچىلىك بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ، خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. ئوفىتسېر – ئەسكەرلەر شى جىنپىڭنى ئارىغا ئېلىپ، بەخت ۋە خۇشاللىققا چۆمدى.

    خوشلىشىش ۋاقتى كەلدى، لېكىن پاراخوتتىكى ئوفىتسېر – ئەسكەرلەرنىڭ ئايرىلىشقا كۆزى قىيمىدى. پاراخوت ھۆرمەت قاراۋۇلى پالوبىدا يەنە بىر قېتىم رەتلىك تىزىلىپ، دېڭىز ئارمىيەسىگە خاس ھۆرمەت قائىدە – يوسۇن بىلەن شى جىنپىڭغا ھۆرمەت بىلدۈردى.

    شى جىنپىڭنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈشى ھەربىي پاراتقا قاتناشقان قىسىمنىڭ ئەمەلىي ئۇرۇش ھەربىي تەلىم – تەربىيەسىگە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. ھەربىي پاراتقا قاتناشقان قىسىم پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئېلىپ، دېڭىز مەشىقى رايونىغا دەرھال ئاتلاندى، بىر مەيدان رايون ھالقىغان ئەمەلىي ئۇرۇش مانېۋىرى دېڭىزدا ئومۇميۈزلۈك باشلاندى.

    جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۈ چىلياڭ پاراتقا رىياسەتچىلىك قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يوۋشيا، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى ۋېي فېڭخې، لى زوچېڭ، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن پائالىيەتكە قاتناشتى.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى