ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - خەلقئارا

ئامېرىكىدىكى ھەر ساھە ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ قورۇقچىلىق سىياسىتىنى ئەيىبلىدى

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 04 - ئاينىڭ 16- كۈنى 03:56   |    ئاپتور :   |   مەنبە : خەلق تورى

    گېزىتىمىزنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى خۇ زېشى، جاڭ مېڭشۈ

    ئامېرىكا پاي بازىرىدا 6- ئاپرېل زور دەرىجىدە تۆۋەنلەش بولدى، داۋ جونس سانائەت ئوتتۇرىچە كۆرسەتكۈچى، ئۆلچەملىك پورنىڭ 500خىل پاي كۆرسەتكۈچى، نازداك ئۇنىۋېرسال كۆرسەتكۈچىنىڭ تۆۋەنلىشى %2تىن ئېشىپ كەتتى. تاشقى سودىغا زىيادە تايىنىۋالغان كارخانىلار پېيىنىڭ تۆۋەنلىشى كۆرۈنەرلىك بولدى، بوئېئىڭ شىركىتىنىڭ پاي باھاسى %3تۆۋەنلىدى، قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى ياسىمىچىلىقى كارخانىسى كاتبور شىركىتىنىڭ پېيى %3.5تۆۋەنلىدى. پاي بازىرىدىكى تۆۋەنلەش ئامېرىكا ئىقتىساد ساھەسىنىڭ ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خاتا سودا سىياسىتى پەيدا قىلىدىغان بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرلىك ئاقىۋەتكە بولغان ئەندىشىسىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئامېرىكىنىڭ سودا ساھەسى، ئىلىم ساھەسى ۋە پارلامېنت ئەزالىرى بەس- بەستە مۇنداق دېيىشتى: ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىساد- سودا سىياسىتى ئامېرىكا ئىقتىسادىغا بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ، خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا ئاۋارىچىلىك پەيدا قىلىدۇ.

    ۋاشىنگتون ئاقىللار ئامبىرى ۋۇدروۋ ۋېلسۇن مەركىزىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ج. ستاپشون روي مۇنداق دېدى: ترامپ ھۆكۈمىتى ئېغىر خاتالىق ئۆتكۈزدى، تولۇق باھالاپ مۇھاكىمە قىلمىغان ئەھۋالدا، «100مىليارد دوللار»لىق ساننى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئامېرىكا ئىقتىسادىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ.

    كارنىگ خەلقئارا تىنچلىق فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى خۇاڭ يۈكون مۇنداق دېدى: نۇرغۇن كىشى تاموژنا بېجى سىياسىتى ئىشقا ئورۇنلىشىشنى قوغدىغانلىق دەپ قارايدۇ، بۇ خاتا. مەسىلەن ئىمپورت قىلىنغان پولات- تۆمۈر ماتېرىياللىرىدىن تاموژنا بېجى ئېلىنسا، ئامېرىكا پولات- تۆمۈر ساھەسىدە ئىشقا ئورۇنلىشىش كۆپىيىشى مۇمكىن، بىراق پولات- تۆمۈر ئەشيا- ماتېرىيالىنىڭ ئىككىلەمچى مەھسۇلاتلار كەسپىدىكىلەر تەننەرخ ئېشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن نۇرغۇن ئىش ئورنىنى قىسقارتىۋېتىدۇ.

    شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى