ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - جەمئىيەت ۋە قانۇن

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 04 - ئاينىڭ 08- كۈنى 03:22   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    (2016–يىل 12–ئاينىڭ 25–كۈنى 12–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 25–يىغىنىدا ماقۇللاندى)

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى

    60 – نومۇرلۇق

    ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى›› 2016 – يىل 12 – ئاينىڭ 25 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 25 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2017 – يىل 3 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

    2016 – يىل 12 – ئاينىڭ 25 – كۈنى

    مۇندەرىجە

    1– باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

    2 – باب جامائەت مەدەنىيەت ئەسلىھەسىنى قۇرۇش ۋە باشقۇرۇش

    3 – باب جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى قىلىش

    4 – باب كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرى

    5 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى

    6 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

    1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

    1 – ماددا بۇ قانۇن جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، خەلق ئاممىسىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش، مۇنەۋۋەر، ئەنئەنىۋى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى ئاشۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پۈتكۈل مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

    2- ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى دېگىنىمىز، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىدىغان، ئىجتىمائىي كۈچلەر قاتنىشىدىغان، پۇقرالارنىڭ ئاساسىي مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىپ تەمىنلەنگەن جامائەت مەدەنىيەت ئەسلىھەسى، مەدەنىيەت مۇلازىمىتى، مەدەنىيەت پائالىيىتى، شۇنىڭدەك باشقا ئالاقىدار مۇلازىمەتنى كۆرسىتىدۇ.

    3– ماددا جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى قىلىشتا سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىدە، خەلقنى مەركەز قىلىشتا، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك؛ ‹‹بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش، ھەممە ئېقىملار بەس – بەستە سايراش›› فاڭجېنى بويىچە، مۇنەۋۋەر جامائەت مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىجاد قىلىپ ۋە ئىشلەپچىقىرىپ، جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىش كېرەك.

    4 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، پاراۋانلىق خاراكتېرىدە بولۇش، باراۋەر بولۇش ۋە قولايلىق بولۇش تەلىپى بويىچە، جامائەت مەدەنىيەت ئەسلىھەسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

    5– ماددا گوۋۇيۈەن پۇقرالارنىڭ ئاساسىي مەدەنىيەت ئېھتىياجى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات سەۋىيەسىگە قاراپ، دۆلەتنىڭ ئاساسىي جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى يېتەكچى ئۆلچىمىنى چىقىرىدۇ ھەمدە تەڭشەيدۇ.

    ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەتنىڭ ئاساسىي جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى يېتەكچى ئۆلچىمىگە ئاساسەن، شۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجى، مالىيە ئىقتىدارى ۋە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئاساسىي جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇش ئۆلچىمىنى چىقىرىدۇ ھەمدە تەڭشەيدۇ.

    6 – ماددا گوۋۇيۈەن جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى ھەر تەرەپلىمە ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، ئۇنى ماسلاشتۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقى ھەر تەرەپلىمە ماسلاشتۇرۇشتەك كونكرېت مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

    يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

    7– ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقى ئاخبارات – نەشرىيات – رادىيو – تېلېۋىزىيە مەسئۇل تارمىقى مۇشۇ قانۇن ۋە گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ؛ گوۋۇيۈەننىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى ئالاقىدار جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى خىزمىتىگە مەسئۇلىيىتى بويىچە مەسئۇل بولىدۇ.

    ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مەدەنىيەت – ئاخبارات – نەشرىيات – رادىيو – تېلېۋىزىيە مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى خىزمىتىگە مەسئۇلىيىتىگە ئاساسەن مەسئۇل بولىدۇ؛ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى ئالاقىدار جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى خىزمىتىگە مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ.

    8– ماددا دۆلەت كونا ئىنقىلابىي رايونلار، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، چېگرا رايونلار ۋە نامرات رايونلارنىڭ جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتىگە يار – يۆلەك بولىدۇ، جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ تەڭپۇڭ، ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

    9 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەر، ياشانغانلار، مېيىپلەر ۋە كۆچمە ئاھالە قاتارلىقلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ۋە ئېھتىياجىغا ئاساسەن، مۇناسىپ جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى قىلىشى كېرەك.

    10 – ماددا دۆلەت جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى بىلەن مەكتەپ تەربىيەسىنى بىرلەشتۈرۈشكە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى بىلەن ئىجتىمائىي تەربىيەنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىدىيە – ئەخلاق ۋە پەن مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرىدۇ.

    11 – ماددا دۆلەت پەن – تېخنىكىنىڭ جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتىدىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە تارقىتىش تېخنىكىسىنى قوللىنىشقا تۈرتكە بولۇپ، جامائەتنىڭ ئىلىم – پەن ساپاسى ۋە جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

    12 – ماددا دۆلەت جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى ساھەسىدە خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە ئالماشتۇرۇشقا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

    13– ماددا دۆلەت پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتىگە قاتنىشىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

    جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتىدە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلار قانۇن بويىچە تەقدىرلىنىدۇ ۋە مۇكاپاتلىنىدۇ.

    2 – باب جامائەت مەدەنىيەت ئەسلىھەسىنى قۇرۇش ۋە باشقۇرۇش

    14– ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان جامائەت مەدەنىيەت ئەسلىھەسى دېگىنىمىز، جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئىمارەت، مەيدان ۋە ئۈسكۈنىلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار ئاساسلىقى كۇتۇپخانا، مۇزېي، مەدەنىيەت يۇرتى (پونكىتى) گۈزەل سەنئەت سارىيى، پەن – تېخنىكا سارىيى، خاتىرە سارىيى، تەنتەربىيە مەيدان – سارىيى، ئىشچىلار مەدەنىيەت سارىيى، ياشلار، ئۆسمۈرلەر سارىيى، ئاياللار – بالىلار پائالىيەت مەركىزى، ياشانغانلار پائالىيەت مەركىزى، يېزا – بازار (كوچا) ۋە كەنت (مەھەللىلەردىكى ئاساسىي قاتلام ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت مۇلازىمىتى) مەركىزى، دېھقانلار (ئىشچى – خىزمەتچىلەر) قىرائەتخانىسى، جامائەت گېزىت تاختىسى (ئېكرانى)، رادىيو – تېلېۋىزىيە تارقىتىش، يەتكۈزۈش، قاپلاش ئەسلىھەسى، جامائەت رەقەملىك مەدەنىيەت مۇلازىمىتى نۇقتىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ مەمۇرىي رايوندىكى جامائەت مەدەنىيەت ئەسلىھەسى مۇندەرىجىسى ۋە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىشى كېرەك.

    15 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى جامائەت مەدەنىيەت ئەسلىھەسى قۇرۇلۇشىنى شۇ دەرىجىلىك شەھەر – يېزا يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، دۆلەتنىڭ ئاساسىي جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى يېتەكچى ئۆلچىمىگە، ئۆلكە دەرىجىلىك ئاساسىي جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇش ئۆلچىمىگە ئاساسەن، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات سەۋىيەسىگە، نوپۇس ئەھۋالىغا، مۇھىت شارائىتىغا ۋە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، جامائەت مەدەنىيەت ئەسلىھەسىنىڭ تۈرى، سانى، كۆلىمى شۇنىڭدەك جايلىشىشىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، مەيدان – ساراي مۇلازىمىتى، كۆچمە مۇلازىمەت ۋە رەقەملىك مۇلازىمەت بىرلەشتۈرۈلگەن جامائەت مەدەنىيەت ئەسلىھەسى تورى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

    جامائەت مەدەنىيەت ئەسلىھەسىگە ئورۇن تاللاشتا، جامائەتتىن پىكىر ئېلىپ، جامائەت مەدەنىيەت ئەسلىھەسىنىڭ ئىقتىدارى ۋە ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا پايدىلىق ئىش قىلىش كېرەك.

    16– ماددا جامائەت مەدەنىيەت ئەسلىھەسى قۇرۇلۇش يېرىنى يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانى ۋە شەھەر – يېزا يىرىك پىلانىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇش ھەمدە قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە تەستىقلىتىش كېرەك.

    ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ جامائەت مەدەنىيەت ئەسلىھەسى قۇرۇلۇش يېرىنى ئىگىلىۋېلىشىغا ياكى ئۇنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىۋېتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئالاھىدە ئەھۋال تۈپەيلىدىن، جامائەت مەدەنىيەت ئەسلىھەسى قۇرۇلۇش يېرىنى تەڭشەشكە توغرا كەلسە، قۇرۇلۇش يېرىنى قايتا بېكىتىش كېرەك. تەڭشەلگەندىن كېيىنكى جامائەت مەدەنىيەت ئەسلىھەسى قۇرۇلۇش يېرىنىڭ كۆلىمى ئەسلىدىكى كۆلىمىدىن ئاز بولسا بولمايدۇ.

    ئاھالە تۇرالغۇ رايونىنى يېڭىدىن سېلىش، ئۆزگەرتىش ۋە كېڭەيتىشتە، ئالاقىدار بەلگىلىمە ۋە ئۆلچەم بويىچە، يانداش جامائەت مەدەنىيەت ئەسلىھەسىنى پىلانلاش ۋە ياساش كېرەك.

    17– ماددا جامائەت مەدەنىيەت ئەسلىھەسىنى لايىھەلەش ۋە قۇرۇشتا، ئەسقاتىدىغان، بىخەتەر، ئىلمىي، كۆركەم، مۇھىت ئاسرايدىغان بولۇش، تېجەشلىك بولۇش تەلىپىگە ۋە دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەمگە ئۇيغۇن ئىش قىلىش ھەمدە توسالغۇسىز ئەسلىھە، ئۈسكۈنىلەرنى سەپلەش كېرەك.

    18– ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ھازىر بار بولغان جامائەت مەدەنىيەت ئەسلىھەسىنى يېڭىدىن ياساش، ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش، بىرلىشىپ ياساش، ئىجارە بېرىش، ئېلىش، پايدىلىنىش ئۇسۇلى قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇل قوللىنىپ، يېزا – بازار (كوچا) كەنت (مەھەللە) ئاساسىي قاتلام ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت مۇلازىمىتى مەركىزى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئالاقىدار جامائەت ئەسلىھەسىنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش، ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىشىغا تۈرتكە بولسا ھەمدە ئۇنىڭ نورمال ئىشلىشىنى كاپالەتلەندۈرسە بولىدۇ.

    19-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ جامائەت مەدەنىيەت ئەسلىھەسىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن چۇۋۇۋېتىشىگە، جامائەت مەدەنىيەت ئەسلىھەسىنىڭ ئىقتىدارى، ئىشلىتىلىش ئورنىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىۋېتىشىگە ياكى ئۇنىڭ نورمال ئىشلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىشىغا، جامائەت مەدەنىيەت ئەسلىھەسىنى ئىگىلىۋېلىشىغا، ئىشلىتىۋېلىشىغا، جامائەت مەدەنىيەت ئەسلىھەسىنى جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز سودا تىجارىتىگە سېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

    شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى سەۋەبىدىن، جامائەت مەدەنىيەت ئەسلىھەسىنىڭ ئىقتىدارى، ئىشلىتىلىش ئورنىنى ئۆزگەرتىش زۆرۈر بولۇپ قالسا، ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە قايتا سېلىش، ئۆزگەرتىش ھەمدە ئاۋۋال ياساش، ئاندىن چۇۋۇش ياكى تەڭ ياساش ۋە چۇۋۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. قايتا ياسالغان، ئۆزگەرتىلگەن جامائەت مەدەنىيەت ئەسلىھەسىنىڭ سەپلىنىش ئۆلچىمى ۋە قۇرۇلۇش كۆلىمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىشكە بولمايدۇ.

    20– ماددا جامائەت مەدەنىيەت ئەسلىھەسىنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلار دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەم بويىچە، زۆرۈر مۇلازىمەت مەزمۇنى ۋە ئۈسكۈنىلەرنى سەپلەپ ۋە يېڭىلاپ، جامائەت مەدەنىيەت ئەسلىھەسىنى دائىملىق ئاسراش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، جامائەت مەدەنىيەت ئەسلىھەسىنى نورمال ئىشلىتىشكە ۋە ئۇنىڭ ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

    21– ماددا جامائەت مەدەنىيەت ئەسلىھەسىنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلار باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە مۇلازىمەت قائىدىسىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، جامائەت مەدەنىيەت ئەسلىھە مۈلكىنى ئىستاتىستىكىلاپ دوكلات قىلىش تۈزۈمى ۋە جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى يىللىق مەلۇم قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى كېرەك.

    22– ماددا جامائەت مەدەنىيەت ئەسلىھەسىنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلار بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جامائەت مەدەنىيەت ئەسلىھەسى ۋە جامائەت پائالىيىتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باھالاشنى يولغا قويۇپ، بىخەتەرلىكنى قوغداش ئۈسكۈنىسى ۋە خادىمىنى قانۇن بويىچە سەپلەپ، جامائەت مەدەنىيەت ئەسلىھەسى ۋە جامائەت پائالىيىتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

    23 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى جامائەت قاتناشقان، جامائەت مەدەنىيەت ئەسلىھەسىنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈش، باھالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى، جامائەت مەدەنىيەت ئەسلىھەسىنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلار باھالاش نەتىجىسىگە ئاساسەن، خىزمەتلىرىنى ياخشىلىشى، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

    24– ماددا دۆلەت جامائەت كۇتۇپخانىسى، مۇزېي، مەدەنىيەت يۇرتى قاتارلىق جامائەت مەدەنىيەت ئەسلىھەسىنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلارنىڭ ئىقتىدارىغا قاراپ قانۇنىي ئىگە ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ۋەكىللىرى، كەسپىي خادىملار ۋە جامائەتنى باشقۇرۇشقا قاتناشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ.

    25– ماددا دۆلەت پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ جامائەت مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى ياسىشىغا، ئىئانە قىلىپ ياسىشىغا ياكى ھۆكۈمەت تارماقلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ ياسىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ جامائەت مەدەنىيەت ئەسلىھەسىنى تىجارەتكە سېلىش ۋە باشقۇرۇشقا قانۇن بويىچە قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

    26– ماددا جامائەت مەدەنىيەت ئەسلىھەسىنى جامائەت ئىشلىتىشتە جامائەت تەرتىپىگە رىئايە قىلىشى، جامائەت ئەسلىھەسىنى ئاسرىشى، جامائەت ئەسلىھەسى، ئۈسكۈنىسى ۋە بۇيۇمىنى بۇزۇۋەتمەسلىكى كېرەك.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى