ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - قىززىق نوقتا

ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئالىمەن

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 04 - ئاينىڭ 08- كۈنى 02:37   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    بۇرچىن ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم يېربول زىقان

    شىنجاڭ ۋەتىنىمىز زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆزئارا ياردەملىشىپ، ۋەتەنگە تەلپۈنۈپ، بۇ باي، بىپايان زېمىننى ئورتاق ئېچىپ گۈللەندۈردى، قوغدىدى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، بىز نامراتلىق، قالاقلىقتىن تەرەققىي قىلىپ، گۈللىنىپ روناق تاپتۇق، ھەر مىللەت خەلقنىڭ كىيىمى پۈتۈن، قورسىقى توق بولۇپ، بەختىيار، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرمەكتە. بولۇپمۇ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چېگرا رايون خەلقىگە رىشتە باغلاپ، چېگرا رايوننىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلدى، ھەر مىللەت خەلق مىسلىسىز ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتى، تۇرمۇشىمىزدا ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بولدى. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغۋار پىلان، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەملىك، ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشتۈرىدىغان، تېخىمۇ مول خەلق تۇرمۇشى يېڭى كارتىنىسى سۈرەتلەپ بېرىلدى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تەرەققىياتقا ئىنتىلىش، بېيىشنى كۆزلەش، مۇقىملىقنى ئويلاش، ئىناقلىققا تەلپۈنۈش ئارزۇسى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن تېخىمۇ كۈچلۈك بولماقتا.

    لېكىن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ‹‹مىللەت››، ‹‹دىن›› بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، دىنىي ئەقىدىلەرنى بۇرمىلاپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، مىللىي قارشىلىشىشقا، دىنىي تەلۋىلىككە قۇترىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى سادىر قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىگە تەسىر يەتكۈزدى. مەن پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، زىممەمدىكى تارىخىي بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتنى ئېنىق تونۇپ يەتتىم. مەن پارتىيەگە كىرىش قەسىمىمنى، كوممۇنىستلارنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەگە، دۆلەتكە بارلىقىمنى بېغىشلاپ، پارتىيەگە، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداشنى قەتئىي سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى قەتئىي توسۇپ، پارتىيەلىك كادىرلار قوشۇنىدىكى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى قەتئىي تازىلايمەن، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى كۈرەشتە ئاتاكىغا ئۆتۈپ، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قەتئىي قوغدايمەن.

    ھازىر شىنجاڭ ‹‹ئۈچ مەزگىل گىرەلەشكەن›› ئالاھىدە مەزگىلدە تۇرماقتا، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر يوقىتىلمىسا، شىنجاڭ جەمئىيىتىدە ئەمىنلىك بولمايدۇ، ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، كادىرلار قوشۇنىدىكى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ قولچوماقچىسى، ئۇلار ئىدىيەدە دىنىي ئەسەبىيلىك بىلەن بىر ئېقىندا ئاققان، سىياسىيدا ئىككى قېيىققا تەڭ دەسسىگەن، بەزىلىرى ھەتتا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› بىلەن ئېغىز – بۇرۇن يالىشىپ، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە مەدەت بەردى، قاتناشتى، ئۇنى تەشكىللىدى. مەن چوقۇم ئىشنى ئۆزۈمدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت››ى توغرىسىدىكى تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەيدانىمنى مۇستەھكەم، بايرىقىمنى روشەن قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇپ، ئاڭلىق ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ باشلامچىسى بولۇپ، كادىرلار قوشۇنىدىكى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى تەلتۆكۈس يوقىتىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە باشلامچىلىق بىلەن قاتتىق رىئايە قىلىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى قېرىنداشلاردەك يېقىن ئۆتۈش، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشقا باشلامچىلىق بىلەن يېتەكلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان بارلىق سۆز – ھەرىكەتلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق پارتىيە ئىشلىرىغا تۆھپە قوشۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بارلىقىمنى بېغىشلايمەن.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى