ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - جەمئىيەت ۋە قانۇن

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى بىلەن خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئالاقىدارلارنىڭ نىكاھ ئۇچۇرلىرىدىن ئۆزئارا ئورتاق بەھرىلەنمەكچى بولدى

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 04 - ئاينىڭ 08- كۈنى 02:01   |    ئاپتور :   |   مەنبە : خەلق تورى

    خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بىلەن ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى «تارماقلار ئارا ئۇچۇرلاردىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى»نى رەسمىي ئىمزالىشىپ، ئالاقىدارلارنىڭ نىكاھلىنىشقا تىزىملىتىش ئۇچۇرلىرىدىن ۋە نىكاھقا چېتىشلىق دېلولارنىڭ دېلو ئۇچۇرلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلدى.

    ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى تور مەخسۇس لىنىيەسى ئارقىلىق، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈملىرى، كېسىملىرى، ياكى مۇرەسسەلەشتۈرمىلىرىدىكى دېلو ئۇچۇرلىرىنى، يەنى نىكاھ ئەركىنلىكىگە زورلۇق بىلەن ئارىلىشىش جىنايىتى، قوش نىكاھلىنىش جىنايىتى، نىكاھقا ئۆزى ئىگە بولۇش ھوقۇقىغا ئائىت ماجىرا، نىكاھتىن ئاجرىشىش ماجىراسى ۋە نىكاھ كۈچكە ئىگە بولماسلىق ماجىراسى قاتارلىق دېلولارنىڭ مەزمۇنلىرىغا چېتىلىدىغان تۈرلەردىكى ئاخىرلاشقان دېلو ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بىلەن ئالماشتۇرۇپ تۇرماقچى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بولسا، نىكاھلانغۇچىلارنىڭ نىكاھلىنىشقا تىزىملىتىش ئۇچۇرلىرىغا ئائىت سانلىق مەلۇماتلار ئامبىرىنى مۇكەممەللەشتۈرمەكچى بولدى. بۇنداق بولغاندا، خەلق سوت مەھكىمىسىمۇ دېلودىكى ئالاقىدارلارنىڭ كىملىك نومۇرلىرى ئارقىلىق، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ھاسىل قىلىنغان مەملىكەتلىك سانلىق مەلۇماتلار ئامبىرىغا، يەنى نىكاھلانغۇچىلارنىڭ نىكاھلىنىشقا تىزىملىتىش ئۇچۇرلىرىغا ئائىت سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا كىرىپ، بۇ جەھەتتىكى ئۇچۇرلارنى سۈرۈشتە قىلالايدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن، خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى نىكاھلانغۇچىلارنى تىزىملىغاندا، نىكاھلانغۇچىلارنىڭ نىكاھلىنىشقا تىزىملىتىش ئىشلىرىنى باشقۇرۇشتىكى ئۇچۇر سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ، نىكاھ ئىشلىرىغا چېتىشلىق بولغان دېلولاردىكى ئالاقىدارلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى بىۋاسىتە تەكشۈرەلەيدۇ.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى