ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - جەمئىيەت ۋە قانۇن

مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى قانۇنلۇق قوغداشقا دائىر 10 چوڭ دېلو مىسالىنى ئېلان قىلدى

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 04 - ئاينىڭ 02- كۈنى 03:27   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تەڭرىتاغ تورى

    ئەرنىڭ ئالغان قەرزىنى ئايال تۆلەشنى خالىماسلىقتەك ئەل ئىچى قەرز ماجىرالىرىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە جىنسىي زىيانكەشلىك قىلىش قانۇننىڭ قانداق جازاسىغا ئۇچرايدۇ؟ كۆچمە نوپۇسلار ئائىلە زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغاندا كىم قوغدايدۇ؟ مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى بېيجىڭدا 2-نۆۋەتلىك «قانۇن بويىچە ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداشقا دائىر 10 چوڭ دېلو مىسالى»نى ئېلان قىلدى. ئاخىرىدا تاللانغان بۇ 10 چوڭ دېلو مىسالى ھازىرقى ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداشتا سەل گەۋدىلىك بولۇپ، كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئائىلە زوراۋانلىقى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە جىنسىي زىيانكەشلىك قىلىش، ئەر-ئاياللارنىڭ ئورتاق قەرزى، نىكاھتىن ئاجراشقاندىن كېيىنكى مال-مۈلۈكنى تەقسىملەش، يېزا ئاياللىرىنىڭ يەر ھوقۇق مەنپەئەتى، ئالاھىدە ئەمگەك مۇھاپىزىتى، ئاياللارنىڭ تۇغۇت ھوقۇقى قاتارلىق قىزىق نۇقتىلاردىكى قىيىن مەسىلىلەرگە چېتىلىدۇ.

    «كۆچمە نوپۇسلار ئائىلە زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغاندا ئىككى جايدىكى ئاياللار بىرلەشمىسى بىرلىكتە ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش» دېلوسىنى مىسال ئالساق، جاڭ X بىلەن جاۋ X توي قىلىپ بەش يىلدىن كېيىن دائىم ئائىلە زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغان، ئىلگىرى جاڭ X ئىككى قېتىم دېلو مەلۇم قىلغان، ئەمما مەسىلە تۈپ يىلتىزىدىن ھەل قىلىنمىغان. ئاخىرىدا جاڭ X ئاياللار بىرلەشمىسىدىن ياردەم سورىغان. جاڭ X بىلەن جاۋ X نىڭ يۇرتى خېبىي ئۆلكىسىدە بولۇپ، لېكىن بېيجىڭدا ئولتۇراقلىشىپ خىزمەت قىلىدىغان بولغاچقا، باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى سوت مەھكىمىسىگە جىسمانىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش پەرمانى ئىلتىماس قىلىشتا بەلگىلىك قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان، خېبىي ئۆلكىلىك ئاياللار بىرلەشمىسى، قانۇن ياردىمى ئادۋوكاتى، بېيجىڭ شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمىسىدىن ئىبارەت كۆپ تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، جاڭ X ئاخىرىدا بېيجىڭ شەھەرلىك دۇڭچېڭ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە جىسمانىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئىلتىماسى سۇنغان.

    جۇڭخۇا ئاياللار ئىنىستىتۇتى پارتكومنىڭ شۇجىسى، جۇڭگو نىكاھ ئائىلە قانۇنشۇناسلىق تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى قوشۇمچە باش كاتىپى لى مىڭشۈننىڭ قارىشىچە، بۇ، ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى يولغا قويۇلغاندىن كېيىنكى تۇنجى ئۆلكە ئاتلاپ چىقىرىلغان جىسمانىي بىخەتەرلىكنى قوغداش دېلوسى بولۇپ، بۇ دېلودا ھوقۇقنى قوغداش مۇلازىمىتىنىڭ رايون ھالقىپ تۇتاشتۇرۇلۇشى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى