ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - پەن ۋە مائارىپ

ھەقسىز ئوقۇيدىغان پېداگوگىكا كەسپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامى ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان پېداگوگىكا كەسپى ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۆزگەرتىلدى

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 04 - ئاينىڭ 02- كۈنى 02:51   |    ئاپتور :   |   مەنبە : خەلق تورى

    كېلىشىم بويىچە ئوقۇتۇش مۇلازىمىتىنى ئادا قىلىش مۇددىى ئالتە يىلغا تەڭشەلدى

    خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 28-مارت مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشۇمچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق بەش تارماق يېقىندا بىرلىكتە بېسىپ تارقاتقان «ئوقۇتقۇچى تەربىيىلەش ۋە يۈكسەلدۈرۈش ھەرىكەت پىلانى(2018-يىلدىن 2022-يىلىغىچە)»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىلان» دېيىلىدۇ)دا: مائارىپ مىنىستىرلىقىغا بىۋاسىتە قاراشلىق پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى پېداگوگىكا كەسپى ئوقۇغۇچىلىرىنى ھەقسىز تەربىيەلەش سىياسىتى ياخشىلىنىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈدۇ، «ھەقسىز ئوقۇيدىغان پېداگوگىكا كەسپى ئوقۇغۇچىلىرى»دېگەن نام «ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان پېداگوگىكا كەسپى ئوقۇغۇچىلىرى»غا ئۆزگەرتىلىپ، كېلىشىم بويىچە ئوقۇتۇش مۇلازىمىتىنى ئادا قىلىش مۇددىتى ئالتە يىلغا تەڭشىلىپ، جايلارنىڭ پېداگوگىكا كەسپى ئوقۇغۇچىلىرىنى ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن تەربىيەلەش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇرۇشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

    «پىلان» بويىچە، ھازىرقى ئوقۇتقۇچى تەربىيىلەشنىڭ تەرەققىياتى تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى كۆزدە تۇتۇلۇپ، ئوقۇتقۇچىلىق پەزىلىتى تەربىيەسى، يېتىشتۈرۈش ئۆلچىمى ۋە قاتلىمى، ئوقۇتقۇچىلار بايلىقى بىلەن تەمىنلەش، ئوقۇتقۇچى تەربىيەلەش ئەندىزىسى، پېداگوگىكا مەكتەپلىرىنىڭ رولىدىن ئىبارەت بەش جەھەتتىن ھەرىكەت قانات يايدۇرۇلىدىكەن.

    ئوقۇتقۇچىلىق پەزىلىتى يېتىلدۈرۈش تەربىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكىتى. ئوقۇتقۇچى تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈشتە ئوقۇتقۇچىلىق پەزىلىتى تەربىيەسىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ھۆججەت ۋە ئوقۇتقۇچىلىق پەزىلىتىنى يېتىلدۈرۈش بويىچە ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش دەرسلىكىنىڭ يېتەكچى ئۆلچىمى تەتقىق قىلىپ تۈزۈلۈپ ھەم يولغا قويۇلۇپ، ئوقۇتقۇچىلىق پەزىلىتى تەربىيەسى ئوقۇتقۇچى تەربىيەلەشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈلىدىكەن.

    ئوقۇتقۇچى يېتىشتۈرۈش قاتلىمىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى. بىر تۈركۈم مائارىپ ماگىستىرى كەسپىي ئىلمىي ئۇنۋانى بېرىش نۇقتىلىرى كۆپەيتىلىپ، مائارىپ دوكتورى كەسپىي ئىلمىي ئۇنۋانى بېرىش نۇقتىلىرى مۇۋاپىق كۆپەيتىلىدىكەن، مەخسۇس كۇرستىن يۇقىرى قاتلامدىكى يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى يېتىشتۈرۈش كۆلىمى كېڭەيتىلىدىكەن، پېداگوگىكا مەكتەپلىرىنىڭ ئالاھىدە مائارىپ كەسپى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى كېڭەيتىشىگە مەدەت بېرىلىپ، ئالاھىدە مائارىپ ساھەسىدىكى مائارىپ ماگىستىرلىرىنى يېتىشتۈرۈش سالمىقى ئاشۇرۇلىدىكەن.

    شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى