ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - شىنجاڭ

چەرچەن ناھىيەسى 20 يىلدا 110 مىڭ مو ئېكولوگىيە توسۇقى بەرپا قىلدى

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 03 - ئاينىڭ 27- كۈنى 04:42   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    ياڭ مىڭفاڭ، ئارداق

    چەرچەن ناھىيە بازىرى بىلەن دەريا ئارقىلىقلا ئايرىلىپ تۇرىدىغان چەرچەن ناھىيەلىك بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇمنى تىزگىنلەش پونكىتىدا تۇرۇپ يىراققا نەزەر سالغاندا، قۇملۇق ئاسمان بىلەن تۇتىشىپ تۇرغاندەك، غايەت زور ‹‹تور›› بىلەن قاپلاپ قويۇلغاندەك كۆرۈنىدۇ. بۇ ‹‹تور›› قومۇش ۋە سۆكسۆكتىن ‹‹توقۇلغان›› غايەت چوڭ ‹‹تور›› بولۇپ، قۇم بارخانلىرىنى توسۇش رولىنى ئوينايدۇ، قۇملۇقنى تاشيول ئىككىگە بۆلۈۋەتكەن بولۇپ، تاشيولنى بويلاپ ماڭغاندا، سۆكسۆكلەر بارغانسېرى كىچىكلەپ، تاشيولنىڭ بېشىغا بارغىنىمىزدا كۆچەتلەر كۆرۈنىدۇ.

    تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ كۆچەتلەر 2017 – يىلى تىكىلگەن بولۇپ، چەرچەن ناھىيەسى ھازىرغىچە 115 مىڭ مو ئېكولوگىيە توسۇقى بەرپا قىلغان. چەرچەن دەرياسى قۇملۇققا ناھايىتى يېقىن بولۇپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسى ناھايىتى ئاجىز بولغاچقا، دەريانىڭ شەرقىدىكى قۇملۇقتا سۆكسۆك بىلەن قومۇشنى ئاساس قىلغان ئېكولوگىيە توسۇقى بەرپا قىلىنغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ ئېكولوگىيە توسۇقى بارغانسېرى ئالغا سۈرۈلۈپ، قاراقۇرۇم تېغى باغرىدىكى بۇ ناھىيەنى قوغداپ كەلمەكتە.

    قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ئىھاتە ئورمانلىقى 500 مودىن 115 مىڭ موغا كېڭەيدى

    چەرچەن ناھىيەلىك بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇمنى تىزگىنلەش پونكىتىدا 18 يىلغا يېقىن ئىشلىگەن تۇڭ گېيەن مۇنداق دېدى: بۇ ئىھاتە ئورمانلىقى بولمىغان بولسا، چەرچەن ناھىيەسى كىروران قەدىمىي شەھىرىدەك قۇمنىڭ ئاستىدا قالغان بولاتتى.

    چەرچەن دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇمنى تىزگىنلەش ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى 1998 – يىلى 3 – ئايدا باشلانغان. تۇڭ گېيەن 2000 – يىلى 6 – ئايدا بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇمنى تىزگىنلەش پونكىتىغا تۇنجى كەلگەندە، چەرچەن ناھىيەسىدىكى قۇملۇقنىڭ چېتىنى كۆرگىلى بولمايتتى، قۇم بارخانلىرى بىر – بىرسىگە تۇتىشىپ كەتكەنىدى. تۇڭ گېيەن مۇنداق دېدى: ئەينى ۋاقىتتا كەينىمگە ئۆرۈلۈپلا كەتكۈم كەلدى. شۇ چاغدا ناھىيە بويىچە ئاران 500 مو ئىھاتە ئورمانلىقى بار ئىدى. مۇشۇنداق شارائىتتا قۇمنى قانداقمۇ تىزگىنلىگىلى بولسۇن؟ بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇمنى تىزگىنلەش پونكىتىدىكىلەرمۇ قۇمنى تىزگىنلەشتىن ۋاز كەچسە، چەرچەننى چوقۇم قۇم بېسىپ كېتىدۇ. شۇنداق قىلىپ مۇئاۋىن پونكىت باشلىقى تۇڭ گېيەن پونكىتتىكى سەككىز خىزمەتچىنى باشلاپ، قۇملۇقتا كۆچەت تىكىشكە باشلىدى. تۇڭ گېيەن مۇنداق دېدى: دەسلەپتە قۇملۇقتا قۇدۇق قازدۇق، كۆچەتلەرنى سۇغاردۇق، ھەر بىر تۈپ كۆچەتنى خۇددى بالىمىزدەك پەرۋىش قىلدۇق.

    بىر چەتتە تۇرغان پاتىگۈل ياسىن راستىنلا شۇنداق قىلدۇق، دەپ گەپ قىستۇردى. پاتىگۈل ياسىن پونكىتتىكى كۆكەرتىشكە مەسئۇل خادىم بولۇپ، 2005 – يىلى پونكىتقا كەلگەن. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەينى ۋاقىتتا ھەر كۈنى موتوسىكلىت بىلەن ئىشقا بېرىپ كېلەتتۇق، يولدا بىر قانچە قېتىم يىقىلىپ كېتەتتۇق، موتوسىكلىتنى ھەيدىگىلى بولمىسا پىيادە ماڭاتتۇق. يازدا يەر يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 60 سېلسىيە گىرادۇسقا چىقاتتى، بىز قۇملۇقتىن قايتىپ چىققاندا ئايىغىمىزنىڭ چەمىدىن رېزىنكە پۇرىقى كېلەتتى.

    پاتىگۈل ياسىن قۇمنى تىزگىنلەش نەتىجىلىرى ئۈستىدە توختالغاندا مۇنداق دېدى: شۇنچە چوڭ قۇملۇقنى تىزگىنلەشكە پونكىتتىكى بىر نەچچىمىزنىڭ قۇربى يەتمەيدۇ، بۇ پۈتۈن ناھىيەدىكى نەچچە ئون مىڭ ئادەمنىڭ 20 يىل جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى.

    تونۇشتۇرۇلۇشىچە، چەرچەن ناھىيەسى ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش خىزمىتىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، 1998 – يىلىنىڭ بېشىدا بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇمنى تىزگىنلەش پونكىتى قۇرۇپ، ناھىيە ئەتراپىدىكى قۇملۇقنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، چەرچەن دەرياسىنىڭ شەرقىدە تېمىتىپ سۇغىرىش تېخنىكىسى قوللىنىش ۋە بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇمنى تىزگىنلەش قۇرۇلۇشى قىلىشنى خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلغان.

    20 يىلدىن بۇيان، ھەر يىلى ئەتىياز ۋە ياز پەسلىدە چەرچەن ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئوقۇغۇچىلار ۋە دېھقان – چارۋىچىلار بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇمنى تىزگىنلەش قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىپ كەلگەن. يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان، ناھىيە بويىچە ھەر يىلى بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇمنى تىزگىنلەش قۇرۇلۇشىغا قاتناشقانلار 300 مىڭ ئادەم (قېتىم)دىن ئېشىپ كەتكەن.چەرچەنلىكلەر قۇم تىزگىنلەش تېخنىكىسىنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ، قۇمنى سۈنئىي ئۇسۇلدا تىزگىنلەش بىلەن ماشىنا ئارقىلىق تىزگىنلەشنى بىرلەشتۈرۈپ قۇمنى تىزگىنلىدى. ھازىر چەرچەن ناھىيەسىنىڭ كۆكەرتىش كۆلىمى ھەر يىلى 10 مىڭ مودىن 20 مىڭ موغىچە كېڭىيىش سۈرئىتى بويىچە ئېشىپ بارماقتا.

    قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن قومۇش بىلەن سۆكسۆك قۇملۇققا كۆچۈرۈلدى

    چەرچەن ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى ئەركىن ئابلىتىپ مۇنداق دېدى: چەرچەن ناھىيەسىدە بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇمنى تىزگىنلەشتە ئورەك كولاپ كۆچەت تىكىپ، بىر چېلەك سۇ بىلەن سۇغىرىپ قويۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ. قۇمنى تىزگىنلەشتە چوقۇم يول ياساش، توك سىمى تارتىش، قۇدۇق قېزىش ۋە تېمىتىپ سۇغىرىش بەلبېغى بەرپا قىلىش قاتارلىق ھالقىلارنى تاماملاشقا توغرا كېلىدۇ، ھەر بىر ھالقىغا پۇل ۋە ئەمگەك كېتىدۇ.

    ئەركىن ئابلىتىپ مۇنداق دېدى: قەيەرگە كۆچەت تىكىشكە توغرا كەلسە، ئاۋۋال شۇ يەرگىچە يول ياساپ، توپا ئىتتىرىش ماشىنىسىنى شۇ يەرگە ھەيدەپ بېرىش كېرەك. قۇم بارخانلىرى بىر قەدەر ئېگىز بولغاچقا، ئالدىنقى مەزگىلدە قۇمنى ئاز – ئازدىن ئىتتىرىشكە بولىدۇ، بەزىدە بىر كۈندە ئون مېتىرمۇ ئىلگىرىلىگىلى بولمايدۇ. قۇم بارخىنى تۈزلەنگەندىن كېيىن توك سىمى تارتىلىدۇ. قۇملۇقتا ئىستولبا ئورنىتىش ئاسان ئەمەس، ناۋادا بورانغا يولۇققاندا ئىستولبا قاپ بەلدىن ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ. قۇدۇق قېزىش ۋە تېمىتىپ سۇغىرىش بەلبېغى بەرپا قىلىشمۇ ئاسان ئەمەس، سەللا چاتاق چىقسا نورمال ئىشلەش مۇمكىن ئەمەس. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 1998 – يىلىدىن 2017 – يىلىغىچە چەرچەن ناھىيەسى بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇمنى تىزگىنلەش ئۈچۈن، 95.5 كىلومېتىر يول ياسىغان، 73.4 كىلومېتىر يۇقىرى بېسىملىق توك سىمى تارتقان، 85 قۇدۇق قازغان.

    ئەركىن ئابلىتىپ مۇنداق دېدى: تەييارلىق خىزمەتلىرى تاماملانغاندىن كېيىن، ئۆسۈملۈك تېرىشقا باشلايمىز. ھازىر ئىھاتە ئورمانلىقى بەرپا قىلىشتا قومۇش بىلەن سۆكسۆكنى ئاساس قىلىۋاتىمىز. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكلىپى بويىچە، قومۇش بىلەن سۆكسۆكنى تەڭ تىكىۋاتىمىز، قومۇش تېز ئۆسىدىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۆكسۆك كۆچەتلىرىنى بوراندىن قوغدايدىغان بولغاچقا، سۆكسۆكنىڭ تۇتۇش نىسبىتىمۇ يۇقىرى بولۇۋاتىدۇ.

    قومۇش بىلەن سۆكسۆكلەر تەكلىماكان قۇملۇقىغا ئىچكىرىلەپ كىرگەچكە، قۇم توسۇپ قېلىندى. شۇ يەرنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە قۇم – توزانلىق ھاۋارايى 20 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىدىكى 21 كۈندىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى 13 كۈنگە، يىللىق ئوتتۇرىچە چاڭ – توزان بولىدىغان كۈن 190 نەچچە كۈندىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى 160 كۈنگە ئازايدى. مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2013 – يىلىدىن 2016 – يىلىغىچە چەرچەن ناھىيەسىدە بىر يىلدا ھاۋا ئوچۇق كۈن 124 كۈن، 173 كۈن، 189 كۈن، 205 كۈن بولۇپ، چەرچەن ناھىيەسىنىڭ كىلىماتى ۋە ئاھالىلەرنىڭ ياشاش مۇھىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغان.توشقانزەدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ئۈمىد ئېلىپ كەلدى

    چەرچەن ناھىيەسى ‹‹جىلىن›› جۇڭگو تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرى دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى ليۇ جىلىن مۇنداق دېدى: كىم قۇملۇقتىن پايدىلىنىپ بېيىغىلى بولمايدۇ دەيدۇ؟ مەن ئۆزۈم بېيىپلا قالماستىن، يەنە باشقىلارنىمۇ بېيىتتىم.

    ليۇ جىلىن 2010 – يىلى خېنەن ئۆلكىسىدىن چەرچەن ناھىيەسىگە كەلگەن بولۇپ، دەسلەپكى ئۈچ يىلدا ئۇ چىلان تىككەن، تاۋۇز ۋە ئالقات تېرىغان بولسىمۇ، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولمىغاچقا، ئۈمىدىنى ئۈزۈپ يۇرتىغا قايتىش نىيىتىگە كەلگەن.

    2013 – يىلى چەرچەن ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ چۆللۈك بوستانلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى تېخنىكا تەتقىقات مەركىزى بىلەن ھەمكارلىشىپ، قۇملۇقنى مەخسۇس تىزگىنلەشنى باشلىغان. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ليۇ جىلىن 3000 مو يەرگە ‹‹قۇملۇق ئادەمگىياھى›› دەپ ئاتالغان توشقانزەدىكى تېرىپ، سىناپ باقماقچى بولغان. ئۇ مۇنداق دېدى: ئويلىمىغان يەردىن مۇۋەپپەقىيەت قازاندىم. 2017 – يىلى 300 توننىدىن ئارتۇق توشقانزەدىكى يىغىۋالدىم، بۇ يىل 10 مىڭ مو يەرگە توشقانزەدىكى تىرىماقچى بولۇۋاتىمەن. توشقانزەدىكى قىممەتلىك دورا ماتېرىيالى، ھازىر پىششىقلاپ ئىشلىگەندىن كېيىنكى توشقانزەدىكىنىڭ ھەر كىلوگىرامىنى 150 يۈەندىن 200 يۈەنگىچە ساتقىلى بولىدۇ. ھازىر ليۇ جىلىننىڭ ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەزاسى 523كە يەتكەن بولۇپ، ئاساسەن شۇ جايدىكى نامراتلار ئىكەن. ليۇ جىلىننىڭ باشلامچىلىقىدا، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپتۇ.

    ليۇ جىلىننىڭ كەچۈرمىشى چەرچەن ناھىيەسىنىڭ كەسىپلەر ئارقىلىق قۇملۇقنى تىزگىنلىگەنلىكىنىڭ كارتىنىسى ھېسابلىنىدۇ. ئەركىن ئابلىتىپ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ئورمانلىقىدىن بىۋاسىتە ئېلىنىدىغان پايدا ئاز، چۆل ئۆسۈملۈك يېپىنچىسىنى پەرۋىش قىلىش بىر قەدەر تەس، تەننەرخى يۇقىرى بولغاچقا، ھۆكۈمەت نۇرغۇن مەبلەغ سالغان بولسىمۇ، قۇم – بوراننىڭ زىيىنى تۈپتىن ئازايتىلمىغان.

    چەرچەن ناھىيەسى 2013 – يىلىدىن باشلاپ ئېكولوگىيە كەسىپلىرى ئارقىلىق ئېكولوگىيەلىك قۇرۇلۇشنى داۋاملاشتۇرۇشتەك ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولىنى تەدرىجىي تېپىپ چىققان. ئەركىن ئابلىتىپ مۇنداق دېدى: ناھىيەمىز توشقانزەدىكىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك ئۇرۇقىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان 1000 مو كۆلەمدىكى بازا قۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك توشقانزەدىكى ئۇرۇقى بىلەن تەمىنلەش بىلەن بىللە، توشقانزەدىكىنى كۆچۈرۈش، تېمىتىپ سۇغىرىش ئۈسكۈنىلىرىنى ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆزگەرتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، نوقۇل ھالدىكى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش ئورمانلىقىنىڭ دەرىجىسىنى ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتالايدىغان كۆپ ئىقتىدارلىق قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش ئورمانلىقىغا ئۆستۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دېھقان – چارۋىچىلارغا دەرس ئۆتۈپ، توشقانزەدىكى تېرىش تېخنىكىسىنى كېڭەيتتى.

    ھازىر چەرچەن ناھىيەسىدە توشقانزەدىكىنى سۈنئىي ئۇسۇلدا تېرىپ يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش، مەھسۇلاتىنى مۇقىملاشتۇرۇش بويىچە تەجرىبە قىلىپ ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنىڭ كۆلىمى 20 مىڭ موغا يەتتى. چەرچەن ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى شۈ كەي مۇنداق دېدى: ئىلگىرىكى قۇملۇق ھازىر بوستانلىققا ئايلاندى. چەرچەن دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇمنى تىزگىنلەش ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىدا تەدرىجىي ھالدا ئېكولوگىيە توسۇقى بەرپا قىلىنىپ، ئىنسانلارنىڭ قۇملۇقنى بويسۇندۇرۇشى رېئاللىققا ئايلانماقتا.

    ‹‹خەلق گېزىتى››دىن مەمەت تۇراپ تەرجىمىسى

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى