ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - قىززىق نوقتا

شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدايمەن

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 03 - ئاينىڭ 27- كۈنى 03:58   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق شىنخۇا دوختۇرخانىسى بالىلار بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ساجىدە ئايۇپ

    ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان زىيالىي بولۇش سۈپىتىم بىلەن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ئېغىر ۋەزىپىسىنى باش تارتماي زىممەمگە ئېلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىگە باش تارتماي ئاتلىنىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن. ۋەتەن ئۈچۈن بارلىقىمنى، ھەتتا ھاياتىمنى تەقدىم قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرىمەن.

    مەن زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلدۇم، بىز ئاكا – ئىنى، ئاچا – سىڭىللار كىچىكىمىزدىلا ئاتا – ئانىمىزنىڭ تەربىيەسىدە پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوغداش، قانۇن – ئىنتىزامغا جەزمەن رىئايە قىلىش كېرەكلىكىنى بىلگەنىدۇق. 1970 – يىلى، ئائىلىمىز بويىچە توققۇزتارا ناھىيەسىدىكى بىر كەنتكە كۆچۈپ بېرىپ تۆت يىل تۇردۇق. ئىككىنچى يىلى كەنتىمىزگە قايتا تەربىيە ئېلىش ئۈچۈن بىر تۈركۈم ياشلار كەلدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ليۇ لىپىڭ ئىسىملىك ئاچام ئاپامنى ئىزدەپ كېلىپ، يالغۇز ياتسا قورقىدىغانلىقىنى، بىز بىلەن بىللە تۇرغۇسى بارلىقىنى ئېيتتى. ئەينى چاغدا پەقەت ئىككىلا ئېغىز ئۆيىمىز بار ئىدى، بىز ئالتە بالا بولۇپ، تۇرمۇش شارائىتىمىز ياخشى ئەمەس ئىدى. لېكىن ئاپام ئىككىلەنمەيلا ئۇنىڭغا ماقۇل بولدى. ليۇ لىپىڭ ھەر كۈنى ئاتا – ئانام ۋە ئاكامغا ئەگىشىپ ئېتىزغا باراتتى، كەچتە ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بىزگە پۇتۇڭخۇا ئۆگىتەتتى، بىزدىن ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنەتتى. بارا – بارا ئۇ بىزنىڭ ئۆز ئاچىمىزدەك بولۇپ قالدى. ئۇ ئاتا – ئانامنى ئۆز ئاتا – ئانىسىدەك كۆرۈپ، دادا، ئاپا دەپ چاقىرىدىغان بولدى. 1974 – يىلى بىز غۇلجا شەھىرىگە كۆچۈپ كەلدۇق، ئۇ بېيجىڭ جۇڭيى ئىنستىتۇتى (ھازىرقى بېيجىڭ جۇڭيى دورىگەرلىكى ئۇنىۋېرسىتېتى)غا ئوقۇشقا كەتتى، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، قايتىپ كېلىپ كۈيتۈن جۇڭيى دوختۇرخانىسىغا ئىشقا چۈشتى، ھېيت – بايراملاردا ئاپامغا خەت ۋە پۇل ئەۋەتىپ تۇردى.

    مەن ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىدا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇدۇم. پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ شانلىق نۇرىدا بالىلار كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى، بۆلۈم مۇدىرى بولۇپ يېتىشىپ چىقتىم. پارتىيەنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان مېنى تەربىيەلىگەنلىكىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى بولمىغان بولسا، مېنىڭ بۈگۈنۈم بولمىغان بولاتتى. ھازىر تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى، بۇنى ھەممىمىز كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز، ئوخشاش تەسىراتتا بولۇۋاتىمىز. مەن ئاممىغا شۇنى دېمەكچىمەنكى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە مىللەتلەر زىچ ئىتتىپاقلاشقان ۋەتەن قوينىدىلا، بىز دۆلەتنىڭ ۋە خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغدىيالايمىز، تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشەلەيمىز. شىنجاڭنى ۋەتەن قوينىدىن ئايرىپ چىقىشقا ئۇرۇنىدىغان ھەر قانداق ئادەم ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى.

    مەن بىر ئايال ھەم ئانا بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان ھەر مىللەت ئاچا – سىڭىللارغا شۇنداق دەيمەنكى، چوقۇم كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ، ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، ئىغۋاغا ئىشەنمەي، ئىغۋا تارقاتماي، ئالدىنىپ قالماي، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ جىنايى مەقسىتىنى ئېنىق تونۇشىمىز ھەم ئۇلارغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. بىز تۇرمۇشتا چوقۇم ھەر بىر سۆز – ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئۇرۇق – تۇغقان، دوست – بۇرادەرلىرىمىزگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكە، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاشقا، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلىشىمىز، تەربىيەلىشىمىز؛ نادانلىققا قارشى تۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى توسۇشىمىز؛ كۆپ خىللىقنى سىغدۇرىدىغان، ئىناق تەرەققىي قىلىدىغان قىممەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇشىمىز؛ جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات ئېقىمىغا ماسلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىلىم – پەنگە، مەدەنىيلىككە ھۆرمەت قىلىپ، زامانىۋى تۇرمۇشقا ئاكتىپ قاتنىشىشىمىز؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ئىناق، مۇقىم، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشقا تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

    مەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقراسى، شۇنداق تەنتەنىلىك ۋەدە بېرىمەنكى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي ھىمايە قىلىمەن، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق ئەمەل قىلىمەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن ھەر ۋاقىت يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى بايرىقىم روشەن ھالدا كۈرەش قىلىمەن، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ئىسسىق قېنىم ۋە ھاياتىم بىلەن قوغدايمەن.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى