ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - ئىقتىساد ۋە تەرەقىيات

شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كەسپى تەرەققىيات يىرىك پىلانى (2018-يىلدىن 2023-يىلغىچە) كەسىپلەرنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭغا يىغىلىشىنى يېتەكلەيدۇ

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 03 - ئاينىڭ 19- كۈنى 09:34   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تەڭرىتاغ تورى

شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 2-ئاينىڭ 26-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 2018-يىللىق 1-قېتىملىق يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، «شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كەسپى تەرەققىيات يىرىك پىلانى (2018-يىلدىن 2023-يىلغىچە)» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يىرىك پىلان» دېيىلىدۇ ) يېقىندا يولغا قويۇلغان. « يىرىك پىلان » دا، 2023-يىلىغا بارغاندا، پاختا توقۇمىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى 20 مىليون ئۇرچۇققا يەتكۈزۈپ، توقۇش ماشىنىسىنى 50 مىڭدىن ئاشۇرۇپ، ئىلمە توقۇمىچىلىق رەختىنى 250 مىڭ توننىغا، كىيىم-كېچەكنى 800 مىليون ( يۈرۈش ) غا، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىغىمچانلىقىنى 1 مىليون ئادەمگە يەتكۈزۈش، بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پۈتۈن كەسىپلەر بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار سانىنى 650 مىڭغا يەتكۈزۈش ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

« يىرىك پىلان »دا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى، 2023-يىلىغا بارغاندا، شىنجاڭ پاختا توقۇمىچىلىق كەسپىنىڭ ئۈسكۈنە ۋە تېخنىكا سەۋىيەسى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتىدۇ، كىيىم-كېچەك، ئائىلە توقۇمىچىلىقى ۋە ئىلمە توقۇمىچىلىق كەسپىنى سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، توقۇش، بوياش قاتارلىق ئوتتۇرا ھالقىلارنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ۋە ئۆستۈرۈپ، يېلىم، بوياقچىلىق، پاكىز ئىشلەپچىقىرىشى ۋە بۇلغىنىشنى تۈزەشنى مەملىكەت ئىچىدىكى ئىلغار سەۋىيەگە يەتكۈزۈپ، خىمىيىۋى تالا بىلەن خىمىيە كەسپىنى ماسلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەھسۇلات سۈپىتى ۋە كۇرسلۇق مەھسۇلاتنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، كەسىپ تەرەققىيات مۇھىتىنى داۋاملىق ياخشىلاپ، پۈتۈن ساھەنىڭ ئومۇمىي ئەمەلىي كۈچى ۋە تەرەققىيات سەۋىيەسىنى يېڭى بىر باسقۇچقا كۆتۈرۈپ، توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك كەسپى ئارقىلىق مىليون كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

«يىرىك پىلان» دا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى، جەنۇبىي شىنجاڭنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، «بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات» دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، دەل جايىدا يۆلەش، ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى ئارقىلىق كەسىپلەرنى جەنۇبىي شىنجاڭغا يىغىدۇ؛ مۇقىم ساقلانما مىقدارىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇش مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ مۇھىت ئاسرايدىغان، بىخەتەرلىك تەلىپىگە ئۇيغۇن بولغان ھازىر بار بولغان ۋە قۇرۇلۇۋاتقان توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك تۈرلىرىنى داۋاملىق قوللاپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئوبلاستنىڭ پاختا توقۇمىچىلىق، خىمىيەلىك تالا، كىيىم-كېچەك، ئائىلە توقۇمىچىلىقى، ئىلمە توقۇمىچىلىق قاتارلىق تۈرلەر قۇرۇلۇشىغا نۇقتىلىق مەدەت بېرىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاممىنىڭ ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، بوشلۇق ئورۇنلاشتۇرۇشى مۇۋاپىق، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يېڭى ھالىتى ۋە يېڭى قۇرۇلمىسىنى تېزدىن شەكىللەندۈرىدۇ.

نۇقتىلىق ساھەلەردە، «يىرىك پىلان»دا پاختا توقۇمىچىلىق كەسپىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، خىمىيەلىك تالا كەسپىنى ماس قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈپ، توقۇمىچىلىق كەسىپ تەرەققىياتىنى بىرىكتۈرۈپ، كىيىم-كېچەك، ئائىلە توقۇمىچىلىقى ۋە ئىلمە توقۇلما كەسىپلىرىنى تېز يېتىلدۈرۈپ، كەسىپلەرگە كېرەكلىك توقۇلما بۇيۇملار، يۇقىرى ئۆلچەملىك تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مۇۋاپىق بولغان بوياقچىلىق كەسپى قاتارلىق ئالتە ساھەنى مۇۋاپىق تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر جەھەتتە، «يىرىك پىلان»دا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يېتەكچى قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، سانائەت ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى يېتىلدۈرۈپ، كەسىپلەشكەن ئېكولوگىيە مۇھىتى يارىتىپ، كەسىپلەرنىڭ ساغلام، سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، كىيىم-كېچەك، ئائىلە توقۇمىچىلىقى ۋە ئىلمە توقۇمىچىلىقى پىششىقلاپ ئىشلەش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، بازار ئېچىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، كەسىپلەرنىڭ يېشىل تەرەققىيات سەۋىيەسىنى، كەسىپلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، « مەھسۇلات تۈرىنى كۆپەيتىش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ماركا يارىتىش » ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇش قاتارلىق يەتتە تۈرلۈك مەزمۇنلارنى كۈچەيتىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

مۇھەررىر : ئامانگۈل

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى