ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - ئىقتىساد ۋە تەرەقىيات

ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەپ پارلاق ئىستىقبالنى ياراتتى

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 03 - ئاينىڭ 19- كۈنى 09:34   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تەڭرىتاغ تورى

(ئۆز خەۋىرىمىز. 2-ئاينىڭ 23-كۈنى ھاۋا ئىللىشى بىلەن ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاۋات ناھىيەسىدىكى توغراقلىق ئارىسىغا جايلاشقان «دولان قەبىلىسى» مەنزىرە رايونى گۈزەل تۈسكە كىرگەنىدى. دېھقان يۈسۈپ ئابدۇقادىر ئۆزىنىڭ مەنزىرە رايونىدا قاتنايدىغان خادىكلىرىنىڭ ئېھتىياجنى قاندۇرالمايۋاتقانلىقىدىن كۈلۈشىنى يا قايغۇرۇشىنى بىلمەيلا قالدى. ئۇ بارماقلىرىنى ساناپ ئۆزىنىڭ يەنە بىرنەچچە ئات سېتىۋالمىسا بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى.

«دولان قەبىلىسى» مەنزىرە رايونى ئاۋات ناھىيەسىنىڭ ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلىشىدىكى مۇھىم تۈر. يېقىنقى يىللادىن بۇيان، ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، يۈسۈپنىڭ خادىكى بىردىن بەشكە كۆپىيىپ، ھازىرقى يىللىق كىرىمى 80 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

بۇنداق ئىشلار مەنزىرە رايونى ئەتراپىدا ھەيران قالارلىق ئىش ھېسابلانمايدۇ، ئەزەلدىن مال بېقىش بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدىغان چارۋىچىلار يۈسۈپكە ئوخشاش، قامچىلىرىنى تاشلاپ، ساياھەت ئارقىلىق تۇرمۇشىنى قامداپ، نامرات ئائىلىدىن تىجارەتچى، خىزمەتچىگە ئايلاندى.

بۇ پەقەت ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى كىچىككىنە كارتىنا خالاس.

ئاپتونوم رايوننىڭ 9-قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز باشتىن-ئاخىر «ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ياخشى بولۇشى خەلقنىڭ ئەڭ زور بەختى»، « شىنجاڭنىڭ ئاسمىنى كۆك، يەرلىرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك بولۇش » يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئېسىل ساياھەت بايلىق ئەۋزەللىكى، يېشىللىق ئەۋزەللىكى، قار-مۇز بايلىقىنى تايانچ قىلىپ، پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇردى. بۈگۈنكى كۈندە، پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكى بىلەن نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئەندىزىسى « 2< 1+1» بولۇشتەك ھەسسىلەپ ئېشىش ئۈنۈمىنى ياراتتى.

پۈتۈن رايوندا ئورۇنلاشتۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ گۈللەندۈرۈش، « گۈزەل مەنزىرە» ئارقىلىق « گۈزەل ئەتىنى» يارىتىش

ئىگىلىنىشىچە، پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكى بولسا شەھەرلىشىش بىلەن گۈزەل يېزا-كەنتنى بىر چوڭ مەنزىرە رايونى ھېسابلاپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ، يول، كۆكەرتىش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، پۇل مۇئامىلە ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە جامائەت مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت، ساياھەت ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسى ساياھەتچىلەرنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، يەنە شۇ جايدىكى ئاھالىلەرگە مۇلازىمەت قىلىدۇ.

قوش يۆنىلىشلىك يۆلەش ئەندىزىسى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، «گۈزەل مەنزىرە» ئارقىلىق «گۈزەل ئارزۇ-تىلەك» لەرنى يارىتىش

ھەممىمىزگە ئايانكى، ساياھەت كەسپى يېڭى كەسىپ بولۇپلا قالماستىن، يەنە يېشىل كەسىپ، تېخىمۇ مۇھىمى خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان كەسىپ. شىنجاڭدا « يېزا-كەنت ساياھىتى »« 13-بەش يىل »لىق پىلان مەزگىلىدە ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم بىر ئېشىش نۇقتىسى، دېھقان-چارۋىچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم بىر تۇتقا، «13-بەش يىل »لىق پىلان مەزگىلىدە، ساياھەتچىلىك ئارقىلىق نامرات ئاھالىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، بېيىش يولىغا يېتەكلەپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش پىلانلانغان. بۇ پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم ئاچقۇچى ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ سانى ۋە سۈپىتىگە باغلىنىشلىق.

توختىماي ئىزدىنىش سىياسەت جەھەتتە مەدەت بېرىش، « گۈزەل مەنزىرە» ئارقىلىق « گۈزەل كەلگۈسىنى » يارىتىش

ئەنئەنىۋى ساياھەت تونۇشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ مەنبەسى كۆپىنچە ياز، كۈز پەسىللىرىگە كۆپرەك يىغىنچاقلانغان. لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ۋە تەرەققىيات كومىتېتى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «قىش-ئەتىياز» پەسىللىك ساياھەتچىلىكىنى ئىلگىرى سۈردى، « 2017-2018-يىللىق شىنجاڭ قىش-ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت يۈرۈشلۈك پائالىيىتى» قىشلىق ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇردى، شىنجاڭنىڭ قار-مۇز ساياھىتى ھازىر دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئىسمى-جىسمىغا لايىق « گۆھەر ماكانى » غا ئايلاندى.

مۇھەررىر : ئامانگۈل

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى