ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - قىززىق نوقتا

ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي قوغدايمەن

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 03 - ئاينىڭ 19- كۈنى 09:08   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    جىمىسار ناھىيەسى جىمىسار بازىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گۈلمىرە ياسىن

    باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى ۋە ئارىلىشىشىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى ۋە ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك››، دەپ كۆرسەتتى. جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇ سۆزدىن ناھايىتى چوڭقۇر ئىللىقلىق، ئىپتىخارلىق ھېس قىلدىم.

    تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى دۆلەتنىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. كەنتىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۆزئارا ياردەملىشىپ، ئىتتىپاق، دوستانە ئۆتىدىغانلىقى كىچىكىمدىنلا ئېسىمدە ئىدى، بۇ خىل ئىتتىپاقلىق روھى ھازىرغىچە ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشماقتا. بالىلىق چاغلىرىمدىن باشلاپ مەكتەپتە ئوقۇغان، خىزمەتكە قاتناشقاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، مەن ھەرمىللەت دوستلار، كەسىپداشلار بىلەن ئۆگىنىشتە، تۇرمۇشتا ۋە خىزمەتتە ئاكا – ئىنى، ئاچا – سىڭىللاردەك يېقىن ئۆتتۈم. مەن كۆپ يىل پارتىيەنىڭ تەربىيەسىنى ئېلىپ، ماركسىزمغا قەتئىي ئېتىقاد قىلىپ، تەدرىجىي ھازىرقى خىزمەت ئورنۇمغا چىقتىم.

    شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئىناق بىللە ئۆتۈپ، خاتىرجەم ياشاۋاتقان گۈزەل دەۋردە، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ۋەتەننى پارچىلاش جىنايى مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، تارىخنى قەستەن بۇرمىلاپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى پىلانلاپ سادىر قىلىپ، بىگۇناھ ئاممىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتتى. تەپتارتماستىن قانۇن بىلەن ئوينىشىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان بۇ دۈشمەن ئۇنسۇرلارغا قانداقمۇ غەزەپلەنمەي، نەپرەتلەنمەي تۇرالايمىز؟ مەن ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ئالدىدا قول قوۋۇشتۇرۇپ قاراپ تۇرماي، ئۇلارغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن.

    بىز بەختىمىزگە يارىشا مۇشۇنداق ئۇلۇغ دەۋردە ياشاۋاتىمىز، ھەر بىرىمىز مۇشۇ يېڭى دەۋر تارىخىنىڭ ياراتقۇچىلىرى ۋە شاھىتلىرى. شۇڭا، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى تارىخنى توغرا تونۇشقا يېتەكلەپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يۇرت – ماكانىمىزنى قوغداپ ۋە گۈللەندۈرۈپ، ئەۋلادلىرىمىزنىڭ بەختلىك، ئىناق، مۇقىم، قۇدرەتلىك جۇڭگودا ياشىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىشىمىز كېرەك. بىز بىر ئەۋلاد ياشلار دەۋرنىڭ خوجايىنى بولۇشنى ئۆگىنىپ، خاتا ئىدىيەلەرگە قارشى ئاداققىچە دادىل كۈرەش قىلىپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ ھەقىقىي ئەپت – بەشىرىسى ۋە جىنايى مەقسىتىنى ئېنىق تونۇشىمىز كېرەك. پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئاتاكىغا ئۆتۈپ، مەردانىلىك بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، بارلىق بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەلىرى ۋە خاتا سۆز – ھەرىكەتلەرگە جەڭ ئېلان قىلىمەن. ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى كەم – كوتسىز قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى بىر قاتار ‹‹بىرىكمە مۇشت›› تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى خەلق ئۇرۇشىنىڭ بىپايان دېڭىزىغا غەرق قىلىمەن.

    پارتىيەگە چوڭقۇر مۇھەببەت باغلاپ، ئاممىغا يۈكسەك قىزغىن بولۇپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشقا تۆھپە قوشىمەن.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى