ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - قىززىق نوقتا

مەۋقەنى ئىش ئورنىغا قويۇپ،باش نىشاننى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرىمەن

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 03 - ئاينىڭ 19- كۈنى 09:05   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    جىمىسار ناھىيەسى چۇەنزىگەي بازارلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى ما شياۋچىڭ

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم شىنجاڭنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر ئانالىز قىلىپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەيدىغان، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىدىغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت››ىنى ئۇدا ياخشى ئېتىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ ھەيۋىسىگە زەربە بەردى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قەتئىي زەربە بېرىلمىسە، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى، ھەرمىللەت ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى بولمايدۇ.

    پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 –، 2 –، 3 – ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش بىلەن، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشنى ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرىمەن. خىزمەتنىڭ كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشكە قويۇپ، تارىخىي يېڭى پەللىدە تۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرىمەن، ئەمەلىيلەشتۈرىمەن.

    بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىسىدە، قەتئىي ھالدا بايرىقىمنى روشەن، مەيدانىمنى مۇستەھكەم، تىلىم بىلەن دىلىمنى، سۆزۈم بىلەن ھەرىكىتىمنى بىردەك قىلىمەن. شىنجاڭنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، مۇرەككەپلىكى ۋە ئۆتكۈرلۈكىنى چوڭقۇر تونۇپ، بىخۇدلۇق ۋە بوشاڭلىق ئىدىيەسىنى قەتئىي تۈگىتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش توغرىسىدىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرما – تەلەپلىرىنى قەتئىي ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، تەۋرەنمەي، بوشاشماي، ئىككىلەنمەي، شەكىلۋازلىق قىلماي، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئۈلگىسى، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇش، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى توسۇشنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھەقىقىي ھالدا شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ جان تومۇرى قىلىپ، ئاممىنىڭ ياخشى تەشۋىقاتچىسى، مۇلازىمەتچىسى بولىمەن.

    شىنجاڭنىڭ جەمئىيىتى مۇقىم بولغان، گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى قوغداش بىز ھەربىر پارتىيەلىك كادىرنىڭ شەرەپلىك بۇرچى، شۇنداقلا بىزنىڭ دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش، باش نىشاننى ئىزچىللاشتۇرۇش، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىزنىڭ كونكرېت ئىپادىسى. شىنجاڭ بىزنىڭ سۆيۈملۈك يۇرتىمىز، ھەممەيلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلساقلا، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى مۇستەھكەملىيەلەيمىز، دۈشمەنگە ھېچقانداق پۇرسەت بەرمەيمىز. بىز بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، شىنجاڭنىڭ گۈزەل كەلگۈسى ئۈچۈن تۆھپە قوشايلى!

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى