ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

ئۈچ ياشتىن كىچىك بالىلارغا پىدوتىمود بېرىشكە بولمايدۇ

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 03 - ئاينىڭ 19- كۈنى 08:21   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تەڭرىتاغ تورى

    پىدوتىمود ( PIDOTIMOD) يەنى ئىممۇنىتېتلىق تەڭشىگۈچى ماددا، دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يېقىندا دۆلەت يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى «پىدوتىمود دورا چۈشەندۈرمىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلىپ، پىدوتىمودنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسىنى تارايتتى ھەمدە ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا ئىشلىتىشكە بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى. ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر دورىنى كىلىنىكىدا قالايمىقان ئىشلىتىش ئەھۋالى مەۋجۇت بولۇپ، ھازىر يۇقىرى سۈپەتلىك كىلىنكىلىق تەتقىقات كەمچىل بولغاچقا، ئۇنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئۈنۈمىنى ئىسپاتلاش كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

    دۆلەت يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى تەمىنلىگەن پىدوتىمودنىڭ مۇۋاپىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا قارىتا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئۇچۇرىدا پىدوتىمود پەقەت سوزۇلما خاراكتېرلىك ياكى تەكرار قوزغىلىدىغان نەپەس يولى يۇقۇملىنىش ۋە سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىشنى داۋالاشتا قوشۇمچە رول ئوينايدۇ، دېيىلگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى بەزى جىددىي خاراكتېرلىك مەزگىلدە يۇقۇملىنىش، قۇلاق، بۇرۇن، كېكىردەك يۇقۇملىنىشىنى داۋالايدۇ، دېگەن مەزمۇنلار چىقىرىۋېتىلگەن. ئىشلىتىش مىقدارى جەھەتتە، ئۈچ ياشتىن يۇقىرى بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەر كۈنىگە ئىككى قېتىمدىن، ھەر قېتىمدا 0.4 گىرام ئىچىش، دورا ئىچىش ۋاقتى 60 كۈندىن ئېشىپ كەتمەسلىك، قورامىغا يەتكەنلەر كۈنىگە ئىككى قېتىمدىن، ھەر قېتىمدا 0.8 گىرام ئىچىش، دورا ئىچىش ۋاقتى 60 كۈندىن ئېشىپ كەتمەسلىك كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن.

    دۆلەت يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىش باشقۇرۇش باش ئىدارىسى بارلىق پىدوتىمود تۈرىدىكى دورىلارنى (پىدوتىمود تابلېتكىسى، پىدوتىمود دورا پاراشوكى، پىدوتىمود ئېرىتمىسى قاتارلىقلار) ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى چوقۇم «دورىلارنى رويخەتكە ئېلىپ باشقۇرۇش چارىسى» دىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر ھەمدە پىدوتىمود دورىسى چۈشەندۈرۈشىگە ئاساسەن، تۈزىتىش كىرگۈزۈش چۈشەندۈرۈشىدىكى قوشۇمچە ئىلتىماسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، 4-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن بۇرۇن ئۆلكە دەرىجىلىك يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك، دەپ تەلەپ قىلدى.

   

مۇھەررىر : ئامانگۈل

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى