ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - خەلقئارا

ب د ت بەنغازى شەھىرىدە ئىشخانا تەسىس قىلىشنى قارار قىلدى

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 03 - ئاينىڭ 05- كۈنى 03:10   |    ئاپتور :   |   مەنبە : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

    جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 4-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:

    بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ لىۋىيە مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ۋەكىلى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لىۋىيەگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مەسئۇلى سالام 2-مارت كەچتە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لىۋىيەگە ياردەم بېرىش ئۆمىكىنىڭ لىۋىيەنىڭ شەرقىدىكى بەنغازى شەھىرىدە ئىشخانا تەسىس قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

    سالام شۇ كۈنى بەنغازىدا شەرقىي قىسىم رايونىدىكى 60 دىن كۆپرەك قەبىلە باشلىقى ۋە ئاق ساقاللار بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى: بەنغازى شەھىرىنىڭ باشلىقى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لىۋىيەگە ياردەم بېرىش ئۆمىكىنىڭ دائىملىق تۇرۇشىغا ئورۇن ئىزدەشكە قوشۇلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى شەرقىي قىسىم رايونىدىكى پۇقرالار بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ساقلايدۇ.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى