ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - خەلقئارا

چاۋشيەن ئامېرىكىنىڭ سۆزلىشىشكە قويغان ئالدىنقى شەرتىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلدى

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 03 - ئاينىڭ 05- كۈنى 03:09   |    ئاپتور :   |   مەنبە : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

    جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 4-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:

    چاۋشيەن مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ 3-مارت خەۋەر قىلىشىچە: چاۋشيەن تاشقى ئىشلار ۋازارىتىنىڭ باياناتچىسى شۇ كۈنى، چاۋشيەننىڭ ئامېرىكا بىلەن سۆزلىشىش ئارزۇسىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ئامېرىكىنىڭ سۆزلىشىشكە قويغان ئالدىنقى شەرتىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

    باياناتچى مۇنداق دېگەن: چاۋشيەن مەسىلىلەرنى دىپلوماتىك ۋە تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن، سۆزلىشىش ۋە كېڭىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق سۆزلىشىشنى ئىلتىجا قىلمايدۇ، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئىشلارنى تاللىشىدىن ئۆزىنى قاچۇرمايدۇ، چاۋشيەن ئامېرىكىنىڭ ھەر قانداق تاللىشىغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ۋە ئىرادىسىنى ھازىرلاپ بولدى. چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتى پۈتۈنلەي ئامېرىكا تەرەپكە باغلىق، ئامېرىكا چاۋشيەن تەرەپنىڭ سۆزلىشىش ئارزۇسىنى خاتا چۈشۈنۈپ قالماسلىقى كېرەك.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى