ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - ئىقتىساد ۋە تەرەقىيات

ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئومۇمىي مىقدارى تۇنجى قېتىم 80 تىرىليون يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 01 - ئاينىڭ 22- كۈنى 02:49   |    ئاپتور :   |   مەنبە : خەلق تورى

 

 

    ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئومۇمىي مىقدارى تۇنجى قېتىم 80 تىرىليون يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى

    1-ئاينىڭ 18-كۈنى، جياڭسۇ ئۆلكىسى ليەنيۈنگاڭ شەھىرىنىڭ خەيجۇ رايونىدىكى بىر توقۇمىچىلىق كارخانىسىدا ئىشچىلار ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە خىزمەت قىلماقتا.

    خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 18- يانۋار ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2017-يىلى ئېلىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) 82 تىرىليون 712 مىليارد 200 مىليون يۈەن بولۇپ، تۇنجى قېتىم 80 تىرىليون يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتكەن. سېلىشتۇرما باھاغا ئاساسەن ھېسابلىغاندا، GDP بۇلتۇرقىدىكىدىن %6.9 ئاشقان بولۇپ، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يىلدىكىدىن % 0.2 پوئېنت ئۆسكەن، بۇ شۇنداقلا ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ يىللىق ئېشىش سۈرئىتىنىڭ 2011-يىلى تۆۋەنلىگەندىن بۇيان تۇنجى قېتىم قايتا ئېشىشى بولۇپ قالغان.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى