ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - شىنجاڭ

ئاپتونوم رايون نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىشىش ۋە ئىستىل مەسىلىسىگە ئائىت سەككىز تىپىك دېلونى ئاشكارىلىدى

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 01 - ئاينىڭ 11- كۈنى 03:37   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    ئۆز خەۋىرىمىز. ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى يېقىندا نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىشىش ۋە ئىستىل مەسىلىسىگە ئائىت سەككىز تىپىك دېلونى ئاشكارىلىدى. بۇ سەككىز تىپىك دېلو تۆۋەندىكىچە:

    1.ئۇلۇغچات ناھىيەسى بايقۇرۇت يېزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، نامراتلارنى يۆلەش كادىرى يۈسۈپ ھىمىتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش قەرز پۇلىنى ئىگىلىۋېلىش مەسىلىسى. يۈسۈپ ھىمىت 2016 – يىلى 9 – ئايدا ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، تۆت نامرات ئائىلىنىڭ 115 مىڭ يۈەن نامراتلارنى يۆلەش قەرز پۇلىنى ئېلىۋېلىپ، ئۇنى لاتارىيە سېتىۋېلىش ۋە باشقا چىقىملارغا ئىشلەتكەن. يۈسۈپ ھىمىت تەكشۈرۈلۈۋاتقان مەزگىلدە ئۆزىنىڭ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاپشۇرغان. 2017 – يىلى 11 – ئايدا يۈسۈپ ھىمىتقا پارتىيەدىن قوغلاش، مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلدى.

    2.قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسى تازغۇن يېزىلىق پارتكومنىڭ سابىق شۇجىسى شيې گاۋشياڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش تۈرى بويىچە تەربىيەلەش ياردەم پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش مەسىلىسى. 2016 – يىلى تازغۇن يېزىسى نامراتلارنى يۆلەش بويىچە چارۋا باقمىچىلىقى تەربىيەلەش تۈرىنى يولغا قويغاندا، شيې گاۋشياڭ ئىشخانا بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەربىيەلەش ھەققىنى بېرىش نامىدا 30 مىڭ يۈەن تەربىيەلەش ياردەم پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ، ئۇنى شەخسىي چىقىمىغا ئىشلەتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، شيې گاۋشياڭدا يەنە ئىنتىزامغا خىلاپ باشقا مەسىلىلەرمۇ ساقلانغان. 2017 – يىلى 11 – ئايدا شيې گاۋشياڭغا پارتىيە ئىچىدە قالدۇرۇپ ئىككى يىل سىناش، مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلدى.

    3.ئالتاي شەھىرى خاندىغات يېزىسىنىڭ سابىق باشلىقى ئارشېن نەبىيوللانىڭ نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ئىشلىتىش مەسىلىسى. ئارشېن نەبىيوللا 2015 – يىلى 10 – ئايدا نامراتلارنى يۆلەش قويى سېتىۋېلىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولغاندا، 14 مىڭ يۈەن قوي سېتىۋېلىش پۇلىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىدىن 90 مىڭ يۈەننى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئاكىسىنىڭ تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىشىغا بەرگەن. 2017 – يىلى 10 – ئايدا ئارشېن نەبىيوللاغا پارتىيە ئىچىدە قالدۇرۇپ بىر يىل سىناش جازاسى بېرىلدى، ۋەزىپىسى بۆلۈم ئەزالىقىغا تۆۋەنلىتىلدى.

    4. نىلقا ناھىيەسى قاراتۆپە يېزىسى سايبويى كەنتىنىڭ ھېساباتچىسى، قوشۇمچە نامراتلارنى يۆلەش ئىشلىرى ياردەمچىسى ئېرتاي ئوراخباينىڭ نامراتلارنى يۆلەش كالىسىنى كۆز بوياپ ئېلىۋېلىش مەسىلىسى. قاراتۆپە يېزىسى سايبويى كەنتى نوپۇسى بىر قەدەر ئاز مىللەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەبلىغى تۈرىنى يولغا قويغاندا، ئېرتاي ئوراخباي مەزكۇر كەنتتىكى نامرات ئائىلە ئېرXX نىڭ نامىدا نامراتلارنى يۆلەش كالىسىدىن بىرنى ئېلىۋالغان ھەم قولدىن – قولغا ئۆتكۈزۈپ سېتىۋەتكەن. ئېرتاي ئوراخباي تەكشۈرۈلۈۋاتقان مەزگىلدە يەنە ساختىلىق قىلىپ، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش پاكىتلىرىنى يوشۇرۇپ، تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشى بىلەن قارشىلاشقان. 2017 – يىلى 12 – ئايدا ئېرتاي ئوراخبايغا پارتىيە ئىچىدە قالدۇرۇپ بىر يىل سىناش جازاسى بېرىلدى.

    5. ئارا تۈرۈك ناھىيەسى تۇخۇلۇ يېزىسى بەچىر كەنتى ئاھالە كومىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى تۇرغۇن تاھىرنىڭ ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ياردەم پۇلىدىن تەكرار بەھرىمەن بولۇش مەسىلىسى. تۇرغۇن تاھىر 2011 – يىلى 9 – ئايدا ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، تۇزكۆل بازىرىدا ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان خوتۇنىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا بەچىر كەنتىدىكى ياردەم پۇلى ئالىدىغانلارنىڭ تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ قويغان، خوتۇنى 10 مىڭ يۈەنگە يېقىن مەخسۇس تۈر ياردەم پۇلىدىن تەكرار بەھرىمەن بولغان. 2017 – يىلى 12 – ئايدا تۇرغۇن تاھىرغا پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

    6.چىرا ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش مەخسۇس كومىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى مەمەتئەيسا مەتشېرىپنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا نامراتلارنى يۆلەش قويىدىن بەھرىمەن بولۇش مەسىلىسى. مەمەتئەيسا مەتشېرىپ 2014 – يىلى 11 – ئايدا تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىپ، سەمىگە سېلىپ قويۇش ئارقىلىق شەرتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان خوتۇنىنى نامرات ئائىلىلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن ھەم 2015 – يىلى 8 – ئايدا بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا بەش تۇياق نامراتلارنى يۆلەش قويىدىن بەھرىمەن بولغان. 2017 – يىلى 12 – ئايدا مەمەتئەيسا مەتشېرىپقا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

    7. كېرىيە ناھىيەسى سىيەك يېزىسى چارۋا كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، قوشۇمچە كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى قادىر سەيدىنىڭ ئۇرۇق – تۇغقان، دوست – بۇرادەرلىرىگە مەنپەئەت يەتكۈزۈش مەسىلىسى. 2014 – يىلىدىن 2017 – يىلىغىچە قادىر سەيدى ۋەزىپە قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، سىياسەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان 11 ئائىلىلىك ئۇرۇق – تۇغقان، دوست – بۇرادىرىنى تۆۋەن كاپالەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ئۇلارنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا 75 مىڭ 200 يۈەن تۆۋەن كاپالەت پۇلىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا ياردەم بەرگەن. بۇنىڭدىن سىرت، قادىر سەيدىدە يەنە ئىنتىزامغا خىلاپ باشقا مەسىلىلەر ساقلانغان. 2017 – يىلى 12 – ئايدا قادىر سەيدىگە پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلدى.

    8.باي ناھىيەسى قېيىر يېزىسى قازانچى كەنتى ئاھالە كومىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى تۇرغۇن قاسىمنىڭ ئۇرۇق – تۇغقان، دوست – بۇرادەرلىرىگە مەنپەئەت يەتكۈزۈش مەسىلىسى. تۇرغۇن قاسىم 2013 – يىلى ۋەزىپە قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزى بىلەن مۇناسىۋىتى يېقىن بولغان مۇ XX ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئا XX، كېلىنى رې XX سالغان تۆت يۈرۈش ئۆينى ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيى دەپ مەلۇم قىلىپ، ئۇلارنىڭ 58 مىڭ 100 يۈەن ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيى ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا ياردەم بەرگەن. 2017 – يىلى 10 – ئايدا تۇرغۇن قاسىمغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

    ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق پارتىيەلىك كادىرلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى توغرىسىدىكى تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىكىنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، كۈچلۈك سىياسىي ئىرادە ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئىرادە، پۇختا، ئىنچىكە خىزمەت ئىستىلى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنىڭ تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش – مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى ئورۇنلاشتۇرما، يېڭى تەلەپلەرگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىشىش ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى ئەستايىدىل چىڭ تۇتۇپ، قەتئىي يول قويماسلىق، چەكلەنگەن رايون بولماسلىق، ئومۇميۈزلۈك قاپلاشتا چىڭ تۇرۇپ، يۆلەش مەبلىغى ۋە ماددىي بۇيۇملارغا ‹‹كۆز قىزارتىش››، ‹‹قارا قولىنى سۇنۇشقا››قا پېتىنغانلارنى قەتئىي قاتتىق تەكشۈرۈپ تېز بىر تەرەپ قىلىشى، قىلچە كەڭچىلىك قىلماي قاتتىق جازالىشى؛ خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈشى ھەم ‹‹بىر دېلونى قوش تەكشۈرۈش››نى يولغا قويۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىشىنى كۈچلۈك ئىستىل ۋە ئىنتىزام كاپالىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى