ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - قىززىق نوقتا

تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىگە ئاكتىپ ئاتلىنىمەن

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 01 - ئاينىڭ 08- كۈنى 02:55   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تەڭرىتاغ تورى

    سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق زېمىن بايلىقى ئىدارىسى يېزا ئىگىلىك پەن–تېخنىكا رايونى شۆبە ئىدارىسىنىڭ كادىرى ئەكبەر غالىب

    ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن يازغان ‹‹ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب››تىكى باتۇرلۇق ۋە كۈچلۈك سادا ماڭا چوڭقۇر تەسىر قىلدى، ئۇنىڭدا بىز ھەر مىللەت خەلقنىڭ يۈرەك ساداسى ياڭرىتىلغان، ھەر مىللەت ئوغۇل – قىزلىرىنىڭ ۋەتەنگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتى ئىپادىلەنگەن. مەن ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننى ئۈلگە قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە ئەۋزەللىكىمنى جارى قىلدۇرۇپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋە ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن.

    مەن باشتىن – ئاخىر بايرىقىمنى روشەن، مەيدانىمنى مۇستەھكەم، تونۇشۇمنى، تىلىم بىلەن دىلىمنى بىردەك قىلىمەن، پوزىتسىيەدە قەتئىي، قەدەمدە تەكشى بولۇپ، چوقۇم قائىدىنى چۈشىنىپ، تۆۋەن چەكنى بىلىپ، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىمەن. ئۆزۈمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىم، ئىلگىرىلىشىمنى چوقۇم ئاڭلىق ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئومۇمىيىتىدە ئويلىشىمەن، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئورنۇمنى بېكىتىپ، پوزىتسىيەمنى ئىپادىلەپ، كۆز قارىشىمنى ئېنىق بىلدۈرۈپ، ۋەدە بېرىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋە ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى تەشەببۇسكارلىق بىلەن جەڭ ئېلان قىلىمەن. تۈپ خاراكتېرلىك، ئۇل خاراكتېرلىك، ئۇزاق مۇددەتلىك مەسىلىلەرگە كۈچەپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش – تەربىيەسى ۋە ‹‹ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش›› مەخسۇس پائالىيىتى جەريانىغا، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىمەن، ياخشى ئىزچىللاشتۇرىمەن.

    پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، چوقۇم سىياسىيدا زېرەك ئادەم بولۇپ، مۇستەھكەم سىياسىي مەيداننى ئۆزۈمنىڭ بىرىنچى مۇھىم تەلىپى قىلىپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن – ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، سىياسىي يۆنىلىشنى ئىگىلەش، سىياسىي ئورنىنى ساقلاش، سىياسىي خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىمنى ئۆستۈرىمەن، ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىش، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىمنى ئۆستۈرىمەن، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى بىرتەرەپ قىلىش قابىلىيىتىمنى ۋە ئۇنىۋېرسال ساپايىمنى ئۆستۈرىمەن. ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ھەرگىز مۈجمەللىك قىلمايمەن، ئۆزۈمنى ھەرگىز قاچۇرمايمەن، ئالدىدا بىر خىل، كەينىدە بىر خىل، كۆرۈنۈشتە ئىتائەت قىلغان بولۇپ، ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلىدىغان ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن. كاللامنى ئىزچىل سەگەك تۇتۇپ، ھوشيارلىقىمنى ئۆستۈرۈپ، مۈجمەل گەپ – سۆزلەر، كۆز بويامچىلىق قارىشى، يوشۇرۇن پىكىر ئېقىمى، ئادەمنى قايمۇقتۇرىدىغان سەپسەتىلەرنى يۈكسەك سەزگۈرلۈك بىلەن ئەستايىدىل پەرق ئېتىپ، قەتئىي تۈزىتىپ ۋە تەنقىد قىلىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، دادىل كۈرەش قىلىمەن.

    خىزمەت ئورنۇمدا چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا ‹‹پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش››تىن ئىبارەت ئاكتىپ كۈچنى تارقىتىمەن. ئەتراپىمدىكىلەرنى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ جىنايى ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇشقا يېتەكلەپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى قەتئىي پاش قىلىپ ۋە تەنقىدلەپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ پولات سېپىلىنى مۇستەھكەملەيمەن. پولاتتەك ئېتىقاد، پولاتتەك ئىشەنچ، پولاتتەك ئىنتىزام، پولاتتەك ئىرادە بىلەن بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىگە ئاكتىپ ئاتلىنىمەن.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى