ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - قىززىق نوقتا

‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشتىكى ھەققانىيەت ساداسىنى ياڭرىتىمەن

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 01 - ئاينىڭ 03- كۈنى 09:30   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى ئورگان مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ كادىرى دىلنۇر ئابلەت

    بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش تېمىسىدىكى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى زور داغدۇغا قوزغىدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە بولغان مىننەتدارلىق ساداسى، پارتىيە ۋە خەلققە بولغان ساداقەتمەنلىك ساداسى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋە ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشتىكى ھەققانىيەت ساداسىنى ياڭرىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشتىكى كۈچلۈك ئارزۇسى ۋە قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.

    ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە تەرەققىيات، ئۆزگىرىشلىرىنى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى كۆرەلمەي، ‹‹مىللەت››، ‹‹دىن››نى دەستەك قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىتتىپاق، مۇقىم، ئىناق، تەرەققىي قىلغان ياخشى ۋەزىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ قىلمىشلىرىغا سەۋر – تاقەت قىلغانلىق ۋەتەنگە، خەلققە، ئىنسانىيەتكە قىلىنغان ئاسىيلىقتۇر! بۇ يەردە بىز ئۆزىمىزگە: كىم بىزنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى؟ كىم بىزنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى؟ دەپ سوئال قويۇشىمىز كېرەك. شۇنداق جاكارلايمەنكى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىزگە بەختلىك تۇرمۇش ئاتا قىلدى! بىز ھەر مىللەت قېرىنداشلار بىلەن چوڭقۇر مېھىر – مۇھەببەت ئورناتقان بىر ئائىلە كىشىلىرى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى تۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش بىزنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتىمىز.

    دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى باش نىشاننى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ‹‹ئىتتىرگۈچ››، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئېتىشتىكى ‹‹بىلەي تاش››، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى خىتابنامە. مەن پارتىيەلىك ئۇيغۇر كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، جەزمەن بايرىقىمنى روشەن، مەيدانىمنى مۇستەھكەم قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى داۋاملىق دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمەن، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىدە تېگىشلىك مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئالىمەن. سىياسىي مەيدانىمنى باشتىن – ئاخىر قەتئىي چىڭىتىپ، دىققىتىمنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرىمەن، باش نىشاننى كۆزلەيمەن، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت››ىنى ياخشى ئېتىش تەلىپى بويىچە، بايرىقىمنى روشەن، مەيدانىمنى مۇستەھكەم قىلىپ، ‹‹پانئىسلامىزم، پانتۈركىزم›› ئىدىيەسىگە قەتئىي رەددىيە بېرىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ھەقىقىي ئەپت – بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلايمەن، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ ساختا نىقابىنى يىرتىپ تاشلايمەن. مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئادا قىلىپ، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىدە مۇناسىۋەتسىز رايون، مۇناسىۋەتسىز ئورۇن، مۇناسىۋەتسىز ئادەم يوق، دېگەن ئىدىيەنى چىڭ تۇرغۇزۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن – ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغدايمەن. ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە مەيدانىمدا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، ئەتراپىمدىكى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى بايرىقىم روشەن ھالدا كۈرەش قىلىمەن، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى دادىل پاش قىلىپ، چوڭقۇر قېزىپ چىقىپ، ئۇلارغا يوشۇرۇنغۇدەك جاي قويمايمەن. پارتىيەنىڭ فاڭجېن – سىياسەتلىرىنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ئاپتونوم رايون يولغا قويغان خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدا نەپنىڭ نەدىن كېلىدىغانلىقى، كىمگە يەتكۈزۈلىدىغانلىقى، كىمدىن مىننەتدار بولۇش كېرەكلىكىنى ھەر مىللەت ئاممىغا ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە ئاڭلىق تاقابىل تۇرۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا زەربە بېرىش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ بىرىنچى سېپىدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن چىڭ تۇرىمەن.

    ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق بەخت، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىق ئاپەت. بىز ئورتاق يۇرت – ماكانىمىزنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوغداپ، دۆلەتنىڭ ئالىي مەنپەئىتى ۋە ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە ھەر ۋاقىت كاللىمىزنى سەگەك تۇتۇپ، قەتئىي بىخۇدلۇق قىلماي، قەتئىي مۇرەسسە قىلماي، قەتئىي يول قويماي، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى