ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - قىززىق نوقتا

ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ئەمەلىيىتىدە قىممىتىمىزنى نامايان قىلىپ، تۆھپە قوشايلى

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 01 - ئاينىڭ 03- كۈنى 09:27   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ئابدۇسالام نىياز

    شىنجاڭ ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى تۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سەپ بازىسى ۋە ئاساسىي جەڭگاھى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىگە، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك.

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۈشمەن كۈچلەر شىنجاڭنىڭ گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان، ئىتتىپاق، مۇقىم ياخشى ۋەزىيىتىنى كۆرۈشنى خالىماي، تۈرلۈك يوللار بىلەن ئۈزلۈكسىز سىڭدۈرمىچىلىك، بۇزغۇنچىلىق قىلدى. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› دىنىي ئەسەبىيلىكنى ئاساس، زوراۋانلىق، تېررورلۇقنى ئاساسلىق ۋاسىتە، مىللىي بۆلگۈنچىلىكنى ئاخىرقى مەقسەت قىلىپ، غالجىرلارچە بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ تىنچ، ئىناق ئىجتىمائىي مۇھىتىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان زەھەرلىك ئۆسمىگە ئايلاندى. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. بىزنىڭ ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى كۈرىشىمىز ئۇزاق مۇددەتلىك، مۇرەككەپ، ئۆتكۈر بولۇپ، بەزىدە ھەتتا ناھايىتى كەسكىنلىشىپ كېتىدۇ. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ نوخلىسىنى ئېلىپ تاشلىماي، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ پەيدا بولۇش تۇپرىقىنى يوقاتماي، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ئەكسىيەتچىل ئىدىيەسىنى تازىلىماي تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تىنچلىقىدىن، ياخشى تەرەققىيات مۇھىتىدىن، ھەر مىللەت خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشىشىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.

    كادىرلار قوشۇنىدىكى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ قولچوماقچىلىرى بولۇپ، ئۇلارنى جەزمەن قەتئىي، كەسكىن تارتىپ چىقىپ يوقىتىش كېرەك. ھازىرقى كەسكىن، مۇرەككەپ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتىدە بىز ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلار، بولۇپمۇ پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىرلار پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى مۇھىم بىلىپ، ھەر مىللەت خەلققە بەخت يارىتىشنى كۆزلەپ، زىددىيەتكە بىۋاسىتە يۈزلىنىدىغان جاسارىتىمىز، مەن قىلمىسام كىم قىلىدۇ، دەيدىغان غەيرىتىمىز بىلەن قەتئىي ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ، سىياسىي مەيدانىمىزنى قەتئىي مۇستەھكەملەپ، سىياسىي ئىنتىزامنى قەتئىي چىڭىتىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، ئاتاكىغا ئۆتۈپ، قۇربان بېرىشتىن قورقماي، ئۆزىمىز ئۈلگە بولۇپ، ئەۋزەللىكىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىپ، ئاچقۇچلۇق پەيتتە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، دادىل پوزىتسىيە بىلدۈرۈشىمىز كېرەك. ھەر مىللەت ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئۇلارنىڭ قالدۇقلىرىنى تەلتۆكۈس تازىلاپ، تەلتۆكۈس قېزىپ، تەلتۆكۈس يوقىتىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ئەمەلىيىتىدە قىممىتىمىزنى نامايان قىلىپ، تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

    مەن مەسئۇلىيىتىم ۋە بۇرچۇمنى ھەر ۋاقىت ئەستە چىڭ ساقلاپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى باشتىن – ئاخىر ھاياتىم، دەپ بىلىپ، بىرىنچى ئۆلچەم قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنى مۇقەددەس بۇرچ ۋە سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، كاللامنى ھەر ۋاقىت سەگەك تۇتۇپ، چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىگە قارىتا بايرىقىمنى روشەن قىلىپ، مەيدانىمنى مۇستەھكەملەپ، تونۇشۇمنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تىلىم بىلەن دىلىمنى بىردەك قىلىپ، پوزىتسىيەدە قەتئىي بولۇپ، بۇيرۇققا، قوماندانلىققا بويسۇنۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، ۋەتەننى پارچىلايدىغان بارلىق قىلمىشلارغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن.

    شىنجاڭ ئەزەلدىن ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، شىنجاڭ ھەر مىللەت خەلق ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان شەرەپلىك ئەنئەنىگە ئىگە، بولۇپمۇ خەتەرلىك پەيتتە، ھەر مىللەت خەلق ھايات – ماماتتا بىللە بولۇپ، مۈرىنى – مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىپ، دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرغان. كىمكى ۋەتەننى پارچىلاش، شىنجاڭنى مالىمان قىلىش خام خىيالىدا بولىدىكەن، شۇ ئۆزىنىڭ پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپىدۇ. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما جەزمەن ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنسىتىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تونۇش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى جەزمەن مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى پۇختىلاپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە قارشى تۇرۇشتىكى ئىدىيەۋى مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەپ، مەقسەتلىك ھالدا مىللىي كەمسىتىشكە ۋە مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىدىغان، مىللىي بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىدىغان قانۇنغا خىلاپ ھەرقانداق جىنايى قىلمىشقا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، ھەر مىللەت خەلق ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، ئۆزئارا چۈشىنىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا كەڭ قورساق بولۇپ، ئۆزئارا زوقلىنىپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، باشتىن – ئاخىر ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇپ، باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق سوتسىيالىستىك يېڭىچە مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملىشىمىز ۋە راۋاجلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

    پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئەۋزەللىكىمنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى باشلامچىلىق بىلەن قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىلىق خىزمەتلەرنى كۆپرەك ئىشلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق سۆز – ھەرىكەتلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، باشتىن – ئاخىر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ قوغدىغۇچىسى، ئىلگىرى سۈرگۈچىسى ۋە ئەمەلىيەتچىسى بولىمەن.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى