ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - سۆرەتلىك خەۋەر

ئىسرائىلىيەدىكى تۇنجى قالقان قۇرۇلمىلىق مېترو تۇنېلى ئارىلىقى تۇتاشتۇرۇلدى

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 12 - ئاينىڭ 25- كۈنى 03:59   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تەڭرىتاغ تورى

    

         20-دېكابىر، ئىسرائىلىيەنىڭ تېلاۋىفتىكى يېنىك رېلىسلىق تۆمۈريول قىزىل سىزىق قۇرۇلۇشىدا جۇڭگولۇق ئىشچىلار تۇنېل قېزىش ماشىنىسىنى تازىلىماقتا.

    شىنخۇا تورى خەۋىرى: جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇشى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ جۇڭگو ئاممىۋى قۇرۇلۇش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىسرائىلىيە تېلاۋىف يېنىك رېلىسلىق تۆمۈريول قىزىل سىزىق قۇرۇلۇشىنىڭ شەرقىي بۆلەك تۈرىدىكى 720 مېتىرلىق قالقان قۇرۇلمىلىق تۇنېل ئارىلىقى يېقىندا مۇۋەپپەقىيەتلىك تۇتاشتۇرۇلۇپ، ئىسرائىلىيەدىكى تۇنجى تۇتاشتۇرۇلغان قالقان قۇرۇلمىلىق مېترو تۇنېلى ئارىلىقى بولۇپ قالغان. يېنىك رېلىسلىق تۆمۈريول قىزىل سىزىق قۇرۇلۇشى تېلاۋىف رېلىسلىق قاتناش پىلانىدىكى تۇنجى يېنىك رېلىسلىق لىنىيە بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 23.5 كىلومېتىر كېلىدىكەن. قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن تېلاۋىفنىڭ كۈندىن-كۈنىگە ئېشىۋاتقان قاتناش بېسىمى ئۈنۈملۈك يېنىكلىتىلىدىكەن.

مۇھەررىر : Mirza

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى