ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - قىززىق نوقتا

19–قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىپ، باش نىشاننى ئىزچىللاشتۇرىمەن ۋە ئەمەلىيلەشتۈرىمەن

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 12 - ئاينىڭ 19- كۈنى 03:17   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تەڭرىتاغ تورى

    ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئەكبەر تۇرغۇن

    مەن ئاز سانلىق مىللەت زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، كىچىكىمدىن تارتىپ ھەر مىللەت بالىلىرى بىلەن ئۆگىنىش، تۇرمۇشتا بىللە بولدۇم. خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇق قىلىپ يېتىشتۈرۈشى، ھەر مىللەت قېرىنداشلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈپ ياردەم بېرىشى بىلەن تەدرىجىي ئۆسۈپ يېتىلىپ پارتىيەلىك كادىرغا ئايلىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا خىزمەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. مەن ھەر ۋاقىت مىننەتدارلىق ھېسسىياتى، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇش ئىرادىسى بىلەن پارتىيە ۋە خەلق ئېھتىياجلىق چاغدا ھەر ۋاقىت سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، پۈتۈن كۈچ – قۇۋۋىتىمنى تەقدىم قىلىمەن.

    باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 19 – قۇرۇلتاي دوكلاتىدىكى بىرلىك سەپ خىزمىتىگە ئائىت بايانلىرىدىن بىرلىك سەپنىڭ ئەڭگۈشتەرلىك رولىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم، بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىرادەم ۋە ئىشەنچىم تېخىمۇ چىڭىدى. ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىرلىك سەپنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار، پارتىيە – گۇرۇھسىز زاتلار، ھەر مىللەت ئاممىسى قاتارلىق جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ كۈچلىرىنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، باش نىشان ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت››ىنى ياخشى ئاتىمەن.

    ئېتىقادنى چىڭىتىپ، باشتىن – ئاخىر پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولىمەن. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى تېز ئالغا باستى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان زور بىر تۈركۈم سىياسەتلەر يولغا قويۇلۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەختىيارلىق تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. مەن پارتىيە رەھبەرلىكىنى، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى قەتئىي ھىمايە قىلىمەن، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئېگىز كۆتۈرىمەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرما – تەلەپلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرىمەن ۋە ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، تىرىشىپ ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ نەمۇنىچىلىرىدىن بولىمەن.

    ئەۋزەللىكىمنى جارى قىلدۇرۇپ، بىرلىك سەپنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىكى بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرىمەن. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنىڭ يېڭى ئورنى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، بىرلىك سەپنىڭ پارتىيە ئىشلىرىدا غەلىبە قازىنىشتىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەر ئىكەنلىكى تەكىتلەندى، بىرلىك سەپنىڭ يېڭى بۇرچى ۋە يېڭى ۋەزىپىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛ ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر قاتار مۇھىم ھۆكۈملەر بىرلىك سەپكە قويۇلغان ماھىيەتلىك تەلەپلەرنى ئەكس ئەتتۈردى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىرلىك سەپ توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى ئىپادىلىدى؛ مىللەتلەر خىزمىتى، دىن خىزمىتىگە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشىنى كۈچەيتىش، مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بۇ، پارتىيەمىزنىڭ مەۋقەنى دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشىگە قويغان، دەۋر ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلىگەن، دەۋر تەلىپىنى كۆزلىگەن ئاساستا بىرلىك سەپ توغرىسىدا چىقارغان يېڭى ھۆكۈمى ۋە بېكىتكەن يېڭى ئورنى، شۇنداقلا يېڭى دەۋردە بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ھەرىكەت كۆرسەتمىسى ۋە تۈپ قوللانمىسى. بىرلىك سەپتىكى بىر ئەزا بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، بىرلىك سەپ خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىل زاتلىرىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ قوغدىغۇچىسى بولىمەن.

    مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئۇل خىزمىتى سۈپىتىدە چىڭ ۋە ياخشى تۇتىمەن. بىرلىك سەپ ساھەسىدىكى پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بىرلىك سەپ خىزمىتىدىكى تەربىيەلەش، يېتەكلەش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش ئەۋزەللىكىمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشى، تاماقتا، يېتىپ – قوپۇشتا، ئۆگىنىشتە، ئەمگەكتە، كۆڭۈل ئېچىشتا بىللە بولۇشىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەرنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئىناق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ يۈكسىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىمەن. كۆزۈمنى يوغان ئېچىپ، ھوشيارلىقىمنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي سەزگۈرلۈكۈمنى ئاشۇرۇپ، مۈجمەل گەپ – سۆزلەرنى، نەيراڭۋازلىق كۆز قاراشلىرىنى، ئاستىرتىن قۇتراتقۇلۇق قىلىدىغان پىكىر ئېقىمىنى، كىشىنى قايمۇقتۇرىدىغان گەپ – سۆزلەرنى ئېنىق پەرقلەندۈرۈپ، قەتئىي تۈزىتىپ ۋە رەددىيە بېرىپ، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزىمەن، ‹‹بەشنى تونۇش›› تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋە ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى ئاداققىچە قەتئىي كۈرەش قىلىمەن.

    دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەيمەن. ھەر مىللەت ئاممىغا دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش غەرىزىدە بولۇشنىڭ ئەمەلىي ئىپادىسى ۋە چوڭقۇر زىيىنىنى ئېنىق چۈشەندۈرىمەن، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ۋەتەننى پارچىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە، مەدەنىيلىككە قارشى تۇرۇش غەرىزىدە بولۇش رەزىل نىيىتى ۋە جىنايى قىلمىشىنى ئېنىق چۈشەندۈرىمەن؛ ‹‹قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىش›› پىرىنسىپىدا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ دىن سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە ياخشى باشقۇرۇپ، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنى توغرا ئېتىقاد، توغرا ھەرىكەتتە بولۇشقا، دىنىي ئەسەبىيلىكتىن يىراق تۇرۇشقا يېتەكلەپ، ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش›› خىزمىتىنىڭ تۈرلۈك نىشان – ۋەزىپىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرىمەن.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى