ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - قىززىق نوقتا

ھەققانىيەت بازىسىنى چىڭ ساقلاپ، توغرا سادانى ياڭرىتىمەن

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 12 - ئاينىڭ 19- كۈنى 03:16   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تەڭرىتاغ تورى

    «قومۇل گېزىتى» پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى، مۇئاۋىن باش مۇھەررىر ئەھەت سوپى

    پارتىيەنىڭ ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىكى مۇھىم بازا. باش شۇجى شى جىنپىڭ «پارتىيەنىڭ ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بايراق ۋە يولغا، پارتىيەنىڭ نەزەرىيەسى ۋە لۇشيەن- فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە، پارتىيە، دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنى ئوڭۇشلۇق ئالغا سۈرۈشكە، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ كۈچى ۋە ئىنتىلىش كۈچىنى مۇجەسسەملەشكە، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك. جەزمەن پارتىيە خىزمىتى ئومۇمىيىتىنى چىقىش قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمىتىنى ئىگىلەپ، ئىدىيە جەھەتتە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش، خىزمەت جەھەتتە دەل جايىدا كۈچەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك» دەپ كۆرسەتتى.

    پارتىيەنىڭ ئاخبارات جامائەت پىكرى سېپىدىكى بىر ئەزا بولۇش سۈپىتىم بىلەن، «تۆت ئاڭ»نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىمەن، گېزىت چىقىرىشتىكى «ئۈچنى تەكشۈرۈش، ئۈچنى سېلىشتۇرۇش» تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى مۇقەددەس ۋەزىپەم ۋە بۇرچۇم، دەپ بىلىمەن. باشقىلارنى تۈزەش ئۈچۈن، ئاۋۋال ئۆزىنى تۈزەش كېرەك، بازغانچىنىڭ بېلى چىڭ بولۇشى كېرەك. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە نىسبەتەن قانداق پوزىتسىيەدە بولۇش، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە قەتئىي بولۇش- بولماسلىق، سەھنىدە بىر خىل، سەھنىدىن چۈشكەندە يەنە بىر خىل بولىدىغان «ئىككى يۈزلىمىچى»مۇ- ئەمەسمۇ دېگەنلەر پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ سىياسىي قەتئىيلىكىگە نىسبەتەن مۇھىم سىناقتۇر. ئۆزىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇشنى دائىملاشتۇرۇش، خاتالىقى ئۈستىدە ھەقىقىي ئويلىنىش، ھەقىقىي سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ تۇرۇش كېرەك. پارتىيە گېزىتى خىزمەتچىلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، سىياسىي جەھەتتە قەتئىي بولۇپ، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىش، ئۆتكەلنى ئىگىلەش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جامائەت پىكرى بازىسىنى ياخشى ساقلاش، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن- ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك.

    ھەققانىي يۈكسەكلىكتە چىڭ تۇرۇپ، توغرا سادانى ياڭرىتىمەن. «ئۈچ خىل كۈچ» «دىن»نى دەستەك قىلىپ، دىنىي ئەقىدىلەرنى بۇرمىلاپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى قايمۇقتۇرۇپ، ئۆچمەنلىك ۋە قىرغىنچىلىق قىلىشقا قۇترىتىپ، بىگۇناھ ئاممىنى ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈردى... ئۇلارنىڭ بۇ قانۇنسىز قىلمىشلىرى تۈپ ئىنسانىي ھوقۇقنى كۆزگە ئىلمىغانلىق، ئىنسانپەرۋەرلىك- ھەققانىيلىقنى دەپسەندە قىلغانلىق، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ ئورتاق تۆۋەن چېكىگە خىرىس قىلغانلىق بولۇپ، ئۇلار ھەر مىللەت خەلقنىڭ لەنەت- نەپرىتىگە ئۇچرايدۇ، ئۇلار ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. مەن توغرا سىياسىي يۆنىلىش ۋە توغرا جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، سىياسىيونلار گېزىت چىقىرىش مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئىرادەمنى چىڭىتىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت بۇ قاتتىق جەڭدە قەتئىي غەلىبە قىلىمەن. شىنجاڭنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، مىللەت، دىن قاتارلىق جەھەتلەردىكى خاتا ئىدىيەلەرنىڭ تەسىرىنى تىرىشىپ تازىلاپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق، مۇقىم قىلىش، ئۇزاققىچە قۇرۇشنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسى ۋە سىياسىي ئاساسىنى مۇستەھكەملەيمەن.

    ھەققىيانىيەت كۈچى جەزمەن غەلىبە قىلىدۇ، ئىناق، مۇقىم مۇھىت جەزمەن يارىتىلىدۇ. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇردى ۋە ئەمەلىيلەشتۈردى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ باش نىشان ئېڭى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنىڭ ئاساسى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلار تېز تەرەققىي قىلدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك سىياسەتلىرى ئارقا- ئارقىدىن يولغا قويۇلدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ئاشتى؛ كەڭ قانات يايدۇرۇلغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» قاتارلىق پائالىيەتلەر ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردى. بىز ھەر بىرىمىز مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىشنى ئاڭلىق كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئۆز خىزمەت ئورنىمىزدا ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەممە كىشى مەسئۇلىيەتچان بولىدىغان، ھەممە كىشى مەسئۇل بولىدىغان، ھەممە كىشى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جەڭگىۋار كۈرەش ئىرادىسى بىلەن داۋاملىق كۈچەپ، خىزمەتنى پۇختا ئىشلىسەكلا، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا جەزمەن يېتەلەيمىز.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى