ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - قىززىق نوقتا

پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، باش نىشانغا يېتىش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەيمەن

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 12 - ئاينىڭ 19- كۈنى 03:10   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تەڭرىتاغ تورى

    خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى مەمەت نىياز

    پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نۆۋەتتىكى دۇنيا ۋە ھازىرقى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى ئىلمىي ئىگىلەپ، دەۋر تەلىپى ۋە خەلق ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلىشىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ چوڭقۇر ھىمايىسى ۋە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك ماختىشىغا ئېرىشتى.

    پارتىيەنىڭ تەربىيەسىنى قوبۇل قىلغان ۋە پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلىگەن پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ۋەتەننىڭ كۈنسايىن گۈللەپ روناق تاپقانلىقىدىن چىن قەلبىمدىن ئىپتىخارلاندىم، ئىشەنچىم ۋە كۈچۈم تولۇپ تاشتى. بۇنىڭدىن كېيىن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە قوللىنىپ، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، باش نىشانغا يېتىش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىمەن.

    پۈتۈن ۋىلايىتىمىزدىكى بىرلىك سەپ، مىللەت – دىن سىستېمىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئۇزاق مۇددەتلىك سىياسىي ۋەزىپە قىلىشىمىز كېرەك. ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇپ، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ۋەزىپە بىلەن ئۆگىنىش، ھېسسىيات بىلەن ئۆگىنىش، بۇرچ بىلەن ئۆگىنىش، مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قوي